باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

پايتەخت مەرىپەت بېغىدىكى ئىجتىھاتچان باغۋەن نۇرگۈل تۇرسۇن يارقىن(1)

2014.09.28 09:31   مەنبە: خەلق تورى

پايتەخت مەرىپەت بېغىدىكى ئىجتىھاتچان باغۋەن نۇرگۈل تۇرسۇن يارقىن(1)

  پايتەخت مەرىپەت بېغىدىكى ئىجتىھاتچان باغۋەن نۇرگۈل تۇرسۇن يارقىن ھەققىدە

  ئىسمايىل ھېكىم ، خۇرشىدە سەمى، ئالىمجان توختى

  دۆلىتىمىز تارىخىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، قەدىمكى سۇلالىلەر دەۋرىدىن جۇڭخۇا مىنگو قۇرۇلغىچە دۆلىتىمىز سىرتقا قارىتا بېكىنمىچىلىك سىياسىتىنى قوللاندى. بۇمەزگىلدە ياۋروپا ئەللىرى ئارقا - ئارقىدىن يېڭىلىققا كۆچۈش، ئاقارتىش ھەركىتى، سانائەت ئىنقىلابى ۋە بۇرژۇئا ئىنقىلابىنى تاماملاپ ئىنسانىيەت تارىخىدىكى يېڭى يۈكسىلىشلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئۆز دۆلەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇردى. دۆلتىمىزمۇ نۇرغۇن ئەگرى- توقايلىقلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ ئالەمشۇمۇل نەتىجىلەرنى قولغاكەلتۈردى. بولۇپمۇ 1978 - يىلدىكى 11 – نۆۋەتلىك 3 - ئومۇمىي يىغىن ئېچىلغاندىن كېيىن مەملىكىتىمىز ئىچى، جۈملىدىن ۋەتىنىمىز ھەرقايسى ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ مەدەنىيەت، مائارىپ، سەھىيە قاتارلىق جەھەتلەردە ئاز بولمىغان نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.

  رايونىمىز شىنجاڭدىن ئىچكىرىدىكى ھەر قايسى ئۆلكە، شەھەرلەرگە ۋە چەتئەللەرگە چىقىپئىلىم تەھسىل قىلىدىغانلار يىلدىن - يىلغا كۆپەيدى. ھەتتا بىر قىسىم ئىلغار زىيالىيلىرىمىز گۈزەل يۇرتى، مېھرىبان ئاتا - ئانىسى، ئەزىز قېرىنداشلىرىنى تەڭرىتاغ ئېتەكلىرىگە قالدۇرۇپ، چەتئەللەردە ۋە ھەر قايسى ئىچكىرى ئۆلكىلەردە بۈيۈك ئارزۇ - ئارمانلارنى كۆڭلىگە پۈكۈپ ياشاپ كەلدى، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن تىنىم تاپماي ئىزدىنىپ ۋە ئىلمىي تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، مىللىتىمىزنىڭ ئەدەبىيات، مەدەنىيەت تارىخىنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن تىنىمسىز تۆھپە قوشتى. ئۇلارنىڭ قاتارىدامىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسى ئۈمىدى بولمىش ئىزباسارلارنى يېتىشتۈرۈشتە ئۆزىنىڭ يۈرەك قېنىنى سىڭدۈرۈپ، تىنىمسىز جاپا چېكىۋاتقان، ئۆزىنىڭ پۈتۈن ھاياتىنى ئىزدىنىش ۋە نوتا يېتىشتۈرۈشتەك مۇقەددەس، جاپالىق ئەمگەككە سەرپ قىلىۋاتقان ئىجتىھاتچان، ھارماس، مېھرىبان باغۋەنلىرىمىزمۇ ئاز ئەمەس، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرستېتى ئۇيغۇر تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنڭ ئوقۇتقۇچىسى نۇرگۇل تۇرسۇن مۇئەللىم ئەنە شۇلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

  نۇرگۇل تۇرسۇن مۇئەللىم 1964 – يىلى 9 - ئاينىڭ 1 - كۈنى قەشقەر شەھەر قوغان يېزا ھەزرەت 1 - كەنتىدە تۇغۇلغان. 1971 - يىلى 9 - ئايدىن 1976 - يىلى 7 - ئايغىچە قەشقەر شەھەر ھەزرەت مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتىپىدە، 1976 –يىلى 9 - ئايدىن 1981 - يىلى 7 - ئايغىچە قەشقەر شەھەرلىك 5 - ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان. 1981 ـ يىلى 9 - ئايدا ئەلا نەتىجىلىرى بىلەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتىنىڭ تارىخ فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىنغان. 1986– يىلى 7 - ئايدا ئوقۇشىنى غەلبىلىك تاماملاپ شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرستېتىغا تەقسىم قىلىنغان. ئەمما ئاتا - ئانىسىنىڭ تەكلىپى بويىچە يۇرتى قەشقەرگە قايتىپ قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتىدا خىزمەت قىلغان. 1986 – يىلى 8 - ئايدىن 1998 - يىلى 8 – ئايغىچە مۇشۇ ئىنىستىتۇتىنىڭ سىياسىي - تارىخ فاكۇلتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. ھەر ساھەدە چوققىغا قاراپ تىنىمسىز ئىلگىرلىگۈچىلەرنىڭ كەسكىن رىقابىتىگە تولغان بۇ جەمئىيەتتە ئۆزىدە تېخىمۇ مول، ئۇنىۋېرسال بىلىم ساپا ھازىرلاشنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يەتكەن نۇرگۈل تۇرسۇن مۇئەللىم كەسپىي بىلىمىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش مەقسىتىدە 1990 - يىلى 9 - ئايدىن 1991 - يىلى 7 - ئايغىچە ئېلىمىزنىڭ داڭلىق مەرىپەت ئوچاقلىرىدىن بىرى بولغان شاڭخەي فۇدەن ئۇنىۋېرستېتىنىڭ تارىخ فاكۇلتېتى ئاسپىرانتلار سىنىپىدا زىيارەتچى ئىلىم ئەھلى سۈپىتىدە سېلىشتۇرما تارىخ ۋە مەدەنىيەت پەنلىرى يۆنىلىشى بويىچە بىلىم ئاشۇرغان. 1998 – يىلى 9 - ئايدىن 2000 – يىلى 7 – ئايغىچە مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتى ئاسپىرانتلار سىنىپىدا ئوقۇغان. 2002 - يىلى 3 - ئايدىن ھازىرغا قەدەر مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرستېتى ئۇيغۇر تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلمەكتە.

  نۇرگۈل تۇرسۇن مۇئەللىم 26 يىللىق ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىدا مەيلى قەيەرگە بارمىسۇن ئۆز خىزمىتىگە ئىزچىل سادىق بولۇپ كەلدى. ئۇ بېيجىڭغا يۆتكىلىپ كەلگەن دەسلەپكى يىللىرىنى ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ: «مەركىزىي مىللەتلەر ناخشا ئۇسۇل ئۆمىكىگە يۆتكىلىپ كەلگەن دەسلەپكى كۈنلىرىمدە، ئاساسەن بىكارچى بولۇپ قالدىم. بۇرۇنقىغا ئوخشاش تاڭ سەھەردىلا مەكتەپكە بېرىپ ئوقۇغۇچىلارنى ئەتىگەنلىك ئۆگىنىشكە تەشكىللەيدىغان، ئۇلار بىلەن ھەرخىل تېمىدا قىلغان سۆھبەتلىرىمنى، خىزمەتداشلىرىم بىلەن تارىخ، مەدەنىيەت، پەلسەپە توغرىسىدا قىزغىن پاراڭغا چۈشۈپ قانداق كەچ بولغانلىقىنى تۇيماي قالىدىغان شۇ كۈنلىرىمنى سېغىنىشقا باشلىدىم. دەرس مۇنبىرىدە تۇرۇپ ئوقۇغۇچىلارغا دەرس سۆزلەۋاتقان ھالىتىم كۆز ئالدىمغا كېلىدىغان بولۇۋالدى، دەرس بەرگەن ئوقۇغۇچىلىرىمنى بەك سېغىندىم. ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن، خۇددى مەن بۇرۇنقى مەن ئەمەستەكلا، شۇنىڭ بىلەن، بىكار بولساملا دۆلەتلىك كۇتۇپخانىغا، شىنخۇا كىتابخانىلىرىغا بېرىش بىلەن كۈنلىرىمنى ئۆتكۈزدۈم. ئەمما يەنىلا قانائەت ھاسىل قىلمىدىم. ئۇيان ئويلاپ بۇيان ئويلاپ، بالىلىق ۋاقىتلىرىمدىن باشلاپلا مەن ياخشى كۆرگەن، مەن ئىشتىياق باغلىغان شۇ شەرەپلىك كەسپىمنى تېپىش نىيىتىگە كەلدىم، ئىزدەندىم، نۇرغۇن تىرىشچانلىقلار ئارقىلىق ئاخىرى مەقسىتىمگىمۇ يەتتىم. »

  ئۇ ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىدا پەقەت ئالىي مەكتەپتىكى ئۆزى ئۆگەنگەن تارىخقا ئائىت بولغان «جۇڭگو تارىخى» (قەدىمكى زامان، يېقىنقى زامان، ھازىرقى زامان قىسىملىرى)، «دۇنيا تارىخى» (يىراق قەدىمكى زامان، ئوتتۇرا ئەسىر، يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان قىسىملىرى)، «شىنجاڭنىڭ يەرلىك تارىخى»، قاتارلىقدەرسلەرنى ئۆتۈش بىلەنلابولدى قىلمىدى. مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرستېتى ئۇيغۇر تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا يۆتكىلىپ كەلگەندىن بۇيان، مەكتەپنىڭ تەكلىپى ۋە ئۆزىنىڭ قىزىقىشى ۋە ھەر تەرەپلىمە ئىزدىنىشلىرى ئارقىلىق چېتىلىش دائىرسى بىر قەدەر كەڭ بولغان، مول ئۇنۋېرسال بىلىم تەلەپ قىلىدىغان «ئۇيغۇر تارىخى»، «ئۇيغۇر مەدەنىيىتى نەزىرىيەسى»، «ئۇيغۇر تەرجىمە تارىخى»، «تۈركىي مىللەتلىرىنىڭ دىنىي ئېتىقاتلىرى»، «ئۇيغۇر مۇقام سەنئىتى ۋە ئۇنىڭدىن ھوزۇرلىنىش»، «ئىسلام دىنى ۋە ئۇنىڭ شىنجاڭ جەمئىيىتى بىلەن بىرىكىشى»، «ئۇيغۇرئېغىز تىلىدىن دەسلەپكى ئاساس» (بىرىنچى، ئىككىنچى قىسىم)قاتارلىق دەرسلەرنى مۇۋاپپەقىيەتلىك ئۆتۈپ، ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزغىن ئالقىشى ۋە ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولدى. ئۇنىڭدىن سىرت، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرستېتى ئۇيغۇر تىل - ئەدەبىيات كەسپىدىكى 2001 -، 2002 – ۋە 2007 - يىللىق قاتارلىق ئۈچ قارار سىنىپقا ئوقۇتۇش يېتەكچىسى بولۇپ ئىشلىدى، بۇ جەرياندا ئۇ ئوقۇغۇچىلارغا ئالاھىدە كۆيۈنۈپ، ئۇلار يولۇققان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلىپ بېرىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھۆرمىتىگە ۋە ماختىشىغا سازاۋەر بولدى. ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ بەش يىللىقنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش پراكتىكىسىغا يېتەكچىلىك قىلدى. بۇ مەكتەپكە يۆتكىلىپ كېلىپ ئىشلەۋاتقاندىن بۇيان ھازىرغا قەدەر ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئىلمىي ماقالىسىگە يېتەكچىلىك قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.

  كونىلار« ئەجىرنىڭ تېگى ئالتۇن» دەپ توغرا ئېيتقان. شۇنداق، نۇرگۈل تۇرسۇن مۇئەللىمنىڭ تىرىشچانلىقلىرى بىكارغا كەتمىدى. ئۇ خىزمەتكە قاتناشقان 26 يىلدىن بۇيان مەكتەپ تەرىپىدىن «8 - مارت قىزىل بايراقدارى»، «مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى»، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئىلغار شەخس» قاتارلىق ناملار بىلەن مۇكاپاتلىنىپ فاكۇلتېت ۋە مەكتەپ تەشكىلىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشتى. ئۇنىڭدىن باشقا 1995، 1996، 1997 - يىللىرى ئۇدا 3 قېتىم ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ كومىتېتى ئۇقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مەركىزىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئوتتۇرا تېخنىكوم، ئالىي تېخنىكوم ۋە ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىمتىھان سۇئالىنى چىقىرىش خىزمىتىگە قاتنىشىپ، ھەر قېتىم ئايرىم - ئايرىم ھالدا سىياسەت، تارىخ پەنلىرىنىڭ سۇئال ۋە جاۋابلىرىنى ئىشلىدى. ئۇ ئىشلىگەن سۇئاللار ئەلا سۈپەتلىك سۇئال، 1 - دەرىجىلىك سۇئال بولۇپ باھالىنىش شەرىپىگە ئېرىشتى.

  نۇرگۈل تۇرسۇن مۇئەللىم خىزمەتكە قاتناشقان دەسلەپكى مەزگىللەردە تەرجىمە جەھەتتىمۇ كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن. 1990 - يىلى «خەن دەۋرىدىكى غەربىي يۇرت تۇتۇق ھېراۋۇل مەھكىمىسىنىڭ ئورنى توغرىسىدا» (10مىڭ خەتلىك قىسىمى، قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى، 1990 - يىلى 4 - سان)، 1993 - يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن «501نىڭ كېلىش مەنبەسى» (50مىڭ خەتلىك قىسىمى)قاتارلىق كىتابلارنىڭ تەرجىمە خىزمىتىگە قاتناشقان. 1994 - يىلى قەشقەر پىداگوكىكا ئىنىستىتۇتى سىياسىي تارىخ فاكۇلتېتى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان «ئوتتۇرا مەكتەپ تارىخ ئوقۇتۇش پروگراممىسى» (30مىڭ خەتلىك قىسمى)، 1997 - يىلى «دۇنيانىڭ ھازىرقى زامان تارىخىدىكى بىر قانچە خىل سېلىشتۇرما خاراكتېرلىك سۇئال - جاۋاب تېمىلىرىنىڭ قىسقىچە ئىزاھاتى» (شىنجاڭ مائارىپى 1997 - يىللىق 7 -، 8 - سانلىرى)، قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتى ماتېرىيال بۆلۈمى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان «جۇڭگو يېقىنقى زامان تارىخى» (2 قىسىم)(100مىڭ خەتلىك قىسمى)قاتارلىق ئون پارچىغا يېقىن كىتابنىڭ تەرجىمە خىزمىتىگە قاتناشقان.

  ئۇنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە تارىخى ھەققىدە يازغان ئىلمىي ماقالىلىرى مەملىكەت ئىچى ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نۇقتىلىق ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان. ئۇ يازغان « قانداق قىلغاندا تارىخ ئوقۇتۇشىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ سېلىشتۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ؟ » (شىنجاڭ مائارىپى ژۇرنىلى1997 - يىلى 11 - سان)، «قەدىمكى غەربىي يۇرتتىكى سۇ - مۇز بايرىمىنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە ئۇنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا»، (مىللەتلەر قەدىمكى ئەسەرلىرى ژۇرنىلى 2001 - يىلى 2 – سان، خەنزۇچە)، « خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ۋە قەدىمكى ئۇيغۇر تىياتىرچىلىقىنىڭ شەكىللىنىشى»، (مىللەتلەر قەدىمكى ئەسەرلىرى ژۇرنىلى 2003 - يىلى 4 – سان، خەنزۇچە)، « قەدىمكى تارىملىقلارنىڭ ئەنئەنىۋى چالغۇسى غوڭقا (ئارغىنون)نىڭ ئۆتمۈشى ۋە ھازىرقى ئەھۋالى»، (مىللەتلەر قەدىمكى ئەسەرلىرى ژۇرنىلى 2004 - يىللىق 1- سان، خەنزۇچە)، «خەنزۇچە يازمىلاردىن سۇڭ، تاڭ دەۋرىدىكى ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىگە نەزەر» (مىللەتلەر قەدىمكى ئەسەرلىرى ژۇرنىلى 2004 - يىللىق 2 – سان، خەنزۇچە)، «قەدىمكى ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى ۋە ئۇنىڭ شەرققە تارقىلىشى»، (جۇڭگو مىللەتلىرى ژۇرنىلى 2005 - يىللىق 3 – سان، خەنزۇچە)، «قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي چالغۇسى غوڭقا ۋە ئۇنىڭ تەرەققىياتى» (جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخ مەدەنىيىتى جەمئىيىتى مەجمۇئەسى، مىللەتلەر نەشىرىياتى، 2006 - يىلى 4 - ئاي نەشرى، خەنزۇچە)، «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» دىكى بايانلاردىن ئۇيغۇرلارنىڭ توي - تۆكۈن ئىشلىرىغا دائىر مەلۇماتلار»، (شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى 2009 يىللىق 2 – سان، ئۇيغۇرچە)، «يۈەن سۇلالىسىغا دائىر تارىخىي ماتېرىياللاردىكى ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى»، (مىللەتلەر قەدىمكى ئەسەرلىرى ژۇرنىلى 2009 - يىلى مەخسۇس سانى، خەنزۇچە)، «دۇنيا ئوتتۇرا ئەسىر تارىخىدىكى ئاتاقلىق تارىخشۇناس - ئەل تەبارى»، (شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى، 2009 - يىللىق قوشۇمچە 2 – سان، ئۇيغۇرچە)، «كلاسسىك شېئىرلارنىڭ ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىدا تۇتقان ئورنى» (شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى 2010 - يىللىق 3 – سان، ئۇيغۇرچە)، «دىۋانۇلۇغاتىت تۈرك» تىكى بايانلاردىن قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ قەھرىمانلىق داستانلىرىغا دائىر مەلۇماتلار»، (شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى ئىلمىي ژۇرنىلى 2009 - يىللىق قوشۇمچە 2 – سان، ئۇيغۇرچە)، «بۈيۈك ئەدىب ئەلشىر نەۋائىي شېئىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر مۇقام مەدەنىيىتىدە تۇتقان ئورنى توغرىسىدا» (قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى 2012 - يىلى 2 – سان، ئۇيغۇرچە)، «ئۇيغۇر مەشرەپلىرى ۋە ئۇنىڭ ئەنئەنىۋى ئەخلاقى قىممىتى توغرىسىدا»، (قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى 2012 - يىلى 5 – سان، ئۇيغۇرچە)قاتارلىق 20 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالىلىرى ئېلان قىلىنغان.

  ئۇنىڭدىن باشقا ئۇ 2009 - يىلى 2 - ئايدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتىنىڭ پىروفىسورى غەيرەتجان ئوسمان باشچىلىقىدىكى «قاز ئېرىق كەنتىنىڭ مىللەتشۇناسلىقى بويىچە تەكشۈرۈلىشى» تېمىسىدىكى دۆلەت دەرىجىلىك ئادەتتىكى تەتقىقات تۈرىنىڭ تەكشۈرۈش، تەتقىق قىلىش خىزمىتىگە قاتنىشىپ، مەزكۇر پەن تەتقىقات تۈرى گۇرۇپپىسى ئۆزىگە تەقسىم قىلىپ بەرگەن ۋەزىپىنى 2011 - يىلى 9 - ئايدا مۇۋاپپەقىيەتلىك ئورۇنداپ تەشكىلنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.

  ئۇ خىزمەتكە قاتناشقاندىن كېيىن مەملىكەت ئىچى سىرتىدىكى خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا قاتنىشش ۋە ماقالە ئوقۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىلمىي تەتقىقات ساھەسىدىمۇ مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. 2005 - يىلى 10 - ئايدا، مەركىزىي مىلللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتى ساھىپخانلىقىدا بېيجىڭدا ئېچىلغان تۈركىي تىل - ئەدەبىياتى ۋە مەدەنىيىتىگە دائىر مەملىكەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشتى ۋە «ئۇيغۇر مۇقام مائارىپىنى شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ دەرسلىكلىرىگە كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپ» دېگەن تېمىدا بىر پارچە ئىلمىي ماقالە ئوقۇدى. ئۇنىڭدىن سىرت 2008 - يىلى 10 - ئاينىڭ 20 – كۈنىدىن 25 - كۈنىگىچە تۈركىيە دۆلەتلىك تىل قۇرۇمى تەرىپىدىن ئەنقەرەدە چاقىرىلغان«6 - نۆۋەتلىك تۈركىي مىللەتلىرى خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە قۇرۇلتىيى» غا قاتناشتى ۋە «تۈركىي تىللار دىۋانىدىكى بايانلاردىن ئۇيغۇرلارنىڭ توي - تۆكۈن مەدەنىيىتىگە دائىر مەلۇماتلار» دېگەن تېمىدىكى ئىلمىي ماقالىسىنى ئوقۇپ ئۆتتى. 2008 – يىلى 11 – ئاينىڭ 21 – كۈنىدىن 25 - كۈنىگىچە تۈركىيە دۆلەتلىك تىل قۇرۇمى بىلەن مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى بىرلىشىپ بېيجىڭدا چاقىرغان «بۈيۈك تىلشۇناس ئالىم مەھمۇد كاشىغەرىي تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» غا قاتناشقان ۋە «تۈركىي تىللار دىۋانىدىكى بايانلاردىن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەربىي ئىشلار مەدەنىيىتىگە دائىر مەلۇماتلار» دېگەن تېمىدا ئىلمىي ماقالە ئوقۇغان. 2011 - يىلى 4 - ئاينىڭ 11 - كۈنىدىن 13 - كۈنىگىچە تۈركىيەنىڭ ئىزمىر شەھرى كوجا ئەلى ئۇنىۋېرسىتېتىدا چاقىرىلغان «يېڭى تىل مەدەنىيەت ھەرىكىتى باشلانغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش خەلقارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» غا قاتناشقان ۋە « ئۇيغۇرلاردا جەدىتچىلىك ھەرىكىتى ۋە مەرىپەت مەشئەلچىسى مەمتىلى تەۋپىق ئەپەندى توغرىسىدا» دېگەن تېمىدا ئىلمىي ماقالە ئوقۇغان. 2012 - يىلى 2 - ئاينىڭ 24 - كۈنىدىن 3 - ئاينىڭ 5 - كۈنىگىچە تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل فاتىخ ئۇنىۋېرسىتېتىدە ئۆتكۈزۈلگەن بۈيۈك ئەدىب ئەلشىر نەۋائىي تۇغۇلغانلىقىنىڭ 570 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشقان ۋە « بۈيۈك شائىر ئەلشىر نەۋائىي شېئىرلىرى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر مۇقام مەدەنىيىتىدە تۇتقان ئورنى توغرىسىدا» دېگەن تېمىدا ئىلمىي ماقالە ئوقۇغان. ئۇ بېيجىڭغا يۆتكىلىپ كەلگەندىن بۇيان ئۈزلۈكسىز «ئۇيغۇر مەدەنىيىتى» ساھەسىدە ئىزدىنىپ مۇئەييەن نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. ئۇ 2011 - يىلى 8 - ئايدا شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى «مەدەنىيەت بوستانى پىروگراممىسى» غا تاماشىبىن سۈپىتىدە قاتناشقان ۋە پىروگرامما نەق مەيدانىدا مۇخبىرلار نۇرگۈل مۇئەللىمنى زىيارەت قىلغان. زىيارەت داۋامىدا نۇرگۈل مۇئەللىم تاماشىبىنلارغا ۋە تېلىۋىزور كۆرگۈچىلەرگە«بېيجىڭدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق (ئۇيغۇر مەدەنىيىتىشۇناسلىقى)» دېگەن تېمىدا قىسقىچە تونۇشتۇرۇش بېرىپ، كەڭ جامائەتچىلىكنى بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيەتشۇناسلىقىنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار قىلغان شۇنداقلا ئۆزىنىڭ بىر قىسىم تەكلىپ - پىكىرلىرىنى ئوتتۇرغا قويۇپ تاماشىبىنلارنىڭ ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا سازاۋەر بولغان.

  نۇرگۈل مۇئەللىم تارىخ ۋە جۇغراپىيەگە بولغان ئوتتەك قىزغىنلىقى ۋە نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىش مەقسىتىدە 2009 - يىلى 3 - ئايدا يولدىشى ۋە فاكۇلتېت رەھبەرلىكىنىڭ قوللىشى ئارقىلىق، ئۆز خىراجىتى بىلەن ياۋروپادىكى گوللاندىيە، بىلگىيە، لىيۇكسىمبورگ، فىرانسىيە، شىۋېيتسارىيە، ئىتالىيە، ئاۋىسترىيە، گېرمانىيە قاتارلىق ئون نەچچە دۆلەتكە ساياھەتكە بېرىپ ئۇ دۆلەتلەرنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، جۇغراپىيەسى قاتارلىقلار بىلەن تونۇشۇپ، ئۆزىنىڭ كەسپىي بىلىم سەۋىيىسىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈردى. بۇ قېتىمقى ياۋروپا دۆلەتلىرىگە قىلغان سەپىرىدە نۇرگۈل مۇئەللىم ئۆزىنىڭ تارىخ ۋە جۇغراپىيە جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ياۋروپالىقلار بىلەن دۆلىتىمىز ۋە مىللىتىمىز ئوتتۇرىسىدىكى ئىلغارلىق ۋە يېتەرسىزلىكلەرنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈش، سېلىشتۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتى.

  نۇرگۇل تۇرسۇن مۇئەللىمنى زىيارەت قىلماقچى بولۇپ تۇرغىنىمىزدا، ئۇنىڭ كاناي ياللۇغى كېسىلى قوزغىلىپ قېلىپ، ئۆيدە ئارام ئېلىۋاتقان ئىكەن. زىيارەت پىلانىمىزنىڭ ئارقىغا سوزۇلۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئۇنى ئۆيىگىچە ئىزدەپ باردۇق. ئۇ ئۆيگە كىرگىنىمىزنى كۆرۈپ، ئاغرىق ئىكەنلىكىگە قارىماي بىزگە تاماققا تۇتۇش قىلدى. تاماق پىشقۇچە، بىز مۇئەللىمنىڭ يولدىشى بىلەن قىزغىن پاراڭغا چۈشۈپ كەتتۇق. ئۇ بىزگە مۇئەللىم توغرسىدا مۇنداق بىر تەسىرلىك ھېكايىنى سۆزلەپ بەردى: «2003 - يىلى 3 - ئايدىن باشلاپ پۈتۈن مەملىكەت ۋەدۇنيانى زور ۋەھىمىگە سالغانسارىس كېسىلى مەزگىلىدە، نۇرگۈل 2001 -، 2002 - يىللىق سىنىپلارنىڭ سىنىپ مۇدىرى ئىدى. سارىس كېسىلى تارقىلىشقا باشلىغاندىن كېيىن بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار مەكتەپنىڭ ئۇقتۇرىشى بويىچە ئائىلىسىگە قايتتى. كېيىن قالغان يەنە بىر قىسىملىرى مەكتەپكە قامىلىپلا قالدى. بۇ مەزگىلدە 2002 - يىللىقتىن 3 نەپەر ساۋاقداش ئاغرىپ قېلىپ دوختۇرخانىدا يېتىپ قالدى. بۇلارنىڭ بىرى ئادەتتىكى ئۆپكە ياللۇغى بولۇپ بېيجىڭ شەھەرلىك جىشۈيتەن دوختۇرخانىسىدا يېتىپ قالغانىدى، يەنە بىرى پۈتۈن بەدىنىگە چېچەك چىقىپ كېتىپ مەكتەپ دوختۇرخانىسىدا يېتىپ قالغان، يەنە بىرى ئاشقازان ياللۇغى بولۇپ بېيجىڭ شەھەرلىك خەيدىيەن رايونلۇق دوختۇرخانىدا يېتىپ قالدى. ئەھۋال ئالاھىدە بولۇپ، مەكتەپتە قالغان ئوقۇغۇچىلارنى سىرتقا چىققىلى قويمايتتى، دوختۇرخانىغا كىرىپ قالغانلارنىمۇ ئالدىراپ سرتقا چىققىلى قويمايتتى. پۈتۈن خەلق قورقۇنچ ۋە ساراسىمە ئىچىدە تۇراتتى، كەتمىگەن ساۋاقداشلارنىڭ ئائىلىلىرىدىنمۇ دائىم تېلېفونلار كېلىپ تۇراتتى، ئاغرىقلارنىڭ تېخىمۇ شۇنداق ئىدى. نۇرگۈل بۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، ئۇلارغا ئۆيدىن تاماق توشۇش، ساۋاقداشلارغا كېرەكلىك بولغان نەرسىلەرنى سىرتتىن ئېلىپ ئۇلارغا يەتكۈزۈپ بېرىش، ئۇ مەزگىللەردە مەكتەپتە ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسى بولمىغاچقا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا - ئانىسى ئەۋەتكەن پۇللىرىنى پوچتىخانىدىن ئەكىلىپ بېرىش، ئالدىن قايتقان ساۋاقداشلارنىڭ ئائىلىسىگە دەرسلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى، ھەر قايسى دەرسلەرنىڭ ئىمتىھان سوئاللىرىنى، مەكتەپ ۋە فاكۇلتېتنىڭ ئۇقتۇرۇشلىرىنى ۋاقتى - ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ تۇرۇش قاتارلىق ئىشلار بىلەن ناھايىتى ئالدىراش ئۆتتى. ئاخىرى ئۆزىمۇ قاتتىق ئاغرىپ يېتىپ قالدى. بۇ ۋاقىتتا، مەن ئۇنىڭغا ئاغرىق ئەھۋالىنى يۇقىرىغا مەلۇم قىلىشنى ئېيتتم، ئەمما ئۇ يەنىلا: ماڭا ھېچ ئىش بولمىدى، يۇقىرىغا مەلۇم قىلساق مېنىمۇ دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېتىپ ئاز دېگەندىمۇ 15 كۈن كۈزىتىدۇ، ئوقۇغۇچىلىرىمدىن ئەنسىرەيمەن، ئەڭ مۇھىمى ئاشۇ بالىلار ساقىيىپ كەتسە بولاتتى دېدى ۋە قىزىتمىنى، باش ئاغرىقىنى پەسەيتىدىغان دورىلارنى يېدى ھەر خىل تەدبىرلەرنى قوللاندى... ھەمدە ئەتىسى يەنە ئورنىدىن تۇرۇپ بالىلار ياتقان دوختۇرخانىغا يۈرۈپ كەتتى. مېنىڭچە، ئۇ كەسىپتە تىرىشچان بولۇپلا قالماستىن، ئائىلىدىكىلەرگىمۇ ناھايتى كۆيۈمى بار ئايال. مۇبادا سىنىپىدا بىرەر ئىش بولۇپ قالسا، شۇ ئىشنى ھەل قىلمىغۇچە بولدى قىلمايدۇ. » بۇ گەپنى ئاڭلاپ مۇئەللىمگە بولغان ھۆرمىتىمىز ھەسسىلەپ ئاشتى. ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن سىڭدۈرگەن ئەجرىگە بولغان قايىللىقىمىز تېخىمۇ ئاشتى.

  شۇنداق، نۇرگۈل مۇئەللىم ئائىلىدە بىر ياخشى ئانا بولۇپلا قالماي، مەكتەپتە مېھرىبان باغۋەن. ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلىرى نۇرگۈل مۇئەللىم بىلەن ھازىرغىچە ئالاقىلىشىپ تۇرىدۇ، ھېيت - بايرام مەزگىللىرىدە ئۇنىڭغا تېلىفۇن ئۇرۇپ ياكى ئۇچۇر قىلىپ مۇئەللىمگە ھېيت - بايراملىق سالام يوللايدۇ.

  ئوقۇغۇچىلار ئۇنىڭدىن كەسپى توغرىسىدا سورىغىنىدا ئۇ ھاياجانلىنىپ مۇنداق دەيدۇ: «مەن ھازىر شۇغۇللىنىۋاتقان بۇ ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىمنى ناھايىتى ياخشى كۆرىمەن. مېنىڭ ھەرقانداق بىر خۇشاللىقىم دەرس سۆزلەۋاتقان ۋاقىتتىكى شاتلىقىمغا يەتمەيدۇ، چۈنكى ھەر قانداق بىر قايغۇ - ئەلىمىم دەرس مۇنبىرى ئالدىدا يوقىلىدۇ. بەلكىم بۇ بىر خىل ياخشى كۆرۈش بولسا كېرەك. مېنىڭ بالىلىق چاغلىرىمدا، دوستلىرىم ئارىسىدا ھەر قېتىم ئوقۇتقۇچىنىڭ رولىنى ئېلىپ ئوينىغان مېھماندارچىلىق ئويۇنلىرىنىڭ ئۆسمۈرلۈك قەلبىمنىڭ چوڭقۇر يېرىدىن ئورۇن ئالغان ئوقۇتقۇچى ئوبرازىنىڭ داۋامى بولۇشى مۇمكىن. بىزدە «ئوقۇغۇچىغا بىر ئىستىكان سۇ بېرىش ئۈچۈن، ئوقۇتقۇچىدا بىر چېلەك سۇ بولۇشى كېرەك» دېگەن سۆز بار. مەلۇم بىر ئوقۇتقۇچى ئۆزى ئۆتىدىغان دەرسنى پۇختا ئىگەللىسە، كەسپىي بىلىم سەۋىيىسى چوڭقۇر، ئۆز كەسپىگە ئائىت ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدا، ئەتراپلىق ئىگەللىگەن، دەرس ئۆتۈشكە ماھىر بولسا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ پۈتۈن دىققىتىنى ئۆزىگە مەركەزلەشتۈرەلەيدۇ. شۇ سەۋەبتىن مەن خىزمەتكە چىققاندىن بۇيان ئوقۇتۇش خىزمىتىنىڭ ئىھتىياجى تۈپەيلىدىن ئىلگىرى - ئاخىرى بولۇپ 16 خىل دەرس ئۆتتۈم، بۇ جەرياندا مەن داۋاملىق ئۆگەندىم، بولۇپمۇ كۆپلىگەن ۋاقتىم كەسىپكە دائىر ماتېرىياللارنى كۆرۈش، داۋاملىق ئۆگىنىش بىلەن ئۆتتى. مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا يۆتكىلىپ كەلگەندىن بېرى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 8 خىل دەرس ئۆتتۈم، بۇ جەرياندا مەن يەنە ئىلگىرىكىدىنمۇ بەك تىرىشمىسام بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. بولۇپمۇ «ئۇيغۇر مەدەنىيىتى» دىن ئىبارەت بۇ دەرسنىڭ ئىھتىياجى مېنى تېخىمۇ بەك تىرىشچان قىلىۋەتتى. چۈنكى، مەدەنىيەتتىن ئىبارەت بۇ پەننىڭ چېتىلىش دائىرىسى ناھايىتى كەڭرى بولغاچقا، بۇ دەرسنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش ئۈچۈن، مەن بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇتلىقىدا بار بولغان بارلىق بىلىملەرنى يەنى، ماددىي، مەنىۋىي، ئىجتىمائىيلىققا مۇناسىۋەتلىك بارلىق پەن، كەسپ، ئىجتىمائىي ئېتىكا، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى بىلىملەردىن خەۋەردار بولمىسام، ھەتتا مۇناسىۋەتلىك بەزى تەرەپلىرىنى پۇختا ئۆگەنمىسەم بولمايدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن داۋاملىق مۇشۇ دەسلەرنىڭ تەييارلىقى ئۈچۈن كۆپلەپ ماتېرىيال كۆرۈپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئەمەلىيىتى بىلەن نەزەرىيەنىڭ بىرلىشىشى، يوقالغان مەدەنىيەت ئامىللىرى ۋە يوقىلىۋاتقان مەدەنىيەت ئامىللىرى، ھەر خىل مەدەنىيەت ئامىللىرىنىڭ مەزكۇر مىللەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، باشقا مىللەت مەدەنىيەتلىرىنى ئۆزىمىزنىڭكى بىلەن سېلىشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىن يەنىمۇ چوڭقۇرلاپ ئىزدىنىپ، مىللەت ئۈچۈن پايدىلىق ۋە پايدىسىز تەرەپلىرىنى دەۋر تەلىپى، دۆلىتىمىزنىڭ سىياسەتلىرى ۋە مىللىي ئېھتىياجغا ماس ھالدا تەھلىل قىلىپ كەڭ ئۇقۇغۇچىلارنىڭ بۇ تەرەپلەردىكى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىش ئارزۇسىدىمەن.»

  بۇ ئىلمىي ئەمگەكلىرىدىن قانائەت ھاسىل قىلمىغان تەلەپچان ئۇستاز ئۆزىنىڭ بۇندىن كېيىنكى تەتقىقات پىلانى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتى ساھەسىدە قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار ناھايىتى كۆپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تارماق پەنلەر بويىچە خېلى زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشكەن بولسىمۇ بىراق، بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مەدەنىيەتشۇناسلىقى بويىچە تېخى خېلىلا ئارقىدا تۇرىۋاتىدۇ. كىشىنى قايىل قىلغۇدەك، بولۇپمۇ باشقا قېرىنداش مىللەتلەرنى قايىل قىلغۇدەك ئۇلارنى تەمىنلەپ دەرسلىك قىلغۇدەك ئالاھىدە بىر مۇكەممەل ماتېرىيال يوق، مېنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن قىلماقچى بولغان مۇھىم ئىشلىرىمنىڭ بىرى، ئۇزۇندىن بېرى ئۆگەنگەن كەسپي بىلىملەر ۋە ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتىدىن يىغقان تەجرىبىلىرىم ئاساسىدا مۇشۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىش، يەنى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ھەممە ساھەلىرىدىن قىسقىچە بولسىمۇ مەلۇمات بېرەلىگۈدەك بىر پارچە ئەسەر يېزىپ چىقىپ بۇنى كەڭ خەلقىم بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈش، ئاندىن باشقا قېرىنداش مىللەتلەرنى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدىن خەۋەردار قىلىش، مەن بۇنىڭ ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تىرىشىۋاتىمەن. بۇ تەرەپلەردىكى ئەمگەكلىرىم بەلكىم بىر ئىككى يىل ئىچىدە كەڭ خەلقىم بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ قېلىشى مۇمكىن. »

  مۆلچەرلىگۈسىز ھاياتلىق يولىنى بېسىپ مۇساپە بىر يەرگەبارغاندا كەينىمىزگە باقساق ھەربىرىمىزنىڭ چوڭ - كىچىك ئەپسۇسلىنارلىق ئىشلىرىنىڭ بولۇشى تەبىئىي. ئۇيغۇر مەدەنىيتى، ئۇيغۇر تارىخى ئوقۇتقۇچىسى نۇرگۈل تۇرسۇن مۇئەللىم ئۆزىنىڭ بېسىپ ئۆتكەن يولىدىن خۇلاسە چىقىرىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئىنسان ھاياتىدا ئەپسۇسلىنىدىغان ئىشلار ناھايىتى كۆپ بولىدىغان ئوخشايدۇ، باشقا ئىشلارغىمۇ ئانچە ئۆكۈنمەيمەن، بىراق ماكان، زامان ۋە مۇھىتنىڭ تەسىرىمۇ قانداق، ئۆزەمگە تەقسىملەنگەن دەرسلەرنى تەلەپكە لايىق، سۈپەتلىك ئۆتسەملا بولىدۇ دەپ ئويلاپ، يېشىم كىچىك، زېھنىم ئوچۇق چاغلاردا چەتئەل تىلىنى راۋۇرۇس ئۆگىنىپ بىر باشقا ئېلىپ چىقمىغىنىم، ئىلمىي ئۇنۋان قاتارلىقلارغا سەل قارىغىنىم مېنىڭ ھاياتىمدىكى ئەپسۇسلىنىدىغان ئىشلىرىمدىن ئىبارەت».

  زىيارەت ئاخىرىدا نۇرگۈل مۇئەللىم سىتودېنتلارغا دەيدىغان يۈرەك سۆزى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئالدى بىلەن ھەممىڭلارنىڭ تېنىڭلارنىڭ سالامەت، تۇرمۇشىڭلارنىڭ خاتىرجەم، ئالىي مەكتەپ ھاياتىڭلارنىڭ مەنىلىك بولۇشىنى تىلەيمەن. ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ مەزمۇنى ناھايىتى مول، قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار كۆپ بولغاچقا بۇ جەھەتتە ئۆزەمنىڭ تولىمۇ يالغۇز ئىكەنلىكىمنى ھېس قىلىمەن، مەن ئويلىغان، ئارزۇ قىلغان بىراق تۈرلۈك سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ھازىرغىچە ئەمەلگە ئېشىپ بولمىغان بۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇش ئۈچۈن ئۇيغۇر مەدەنىيەتشۇناسلىقى ساھەسىدە كۆپلىگەن تايانچلارنىڭ يېتىشىپ چىقىشىنى، ماڭا ياردەملىشىشىنى ئارزۇ قىلىمەن. ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش ھەممەيلەنگە نېسىپ بولىۋەرمەيدۇ، ئاتا - ئاناڭلار نۇرغۇن پۇل ۋە ۋاقىت سەرپ قىلىپ سىلەرنى ئوقۇشقا ئەۋەتتى، ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەن ئىكەنسىلەر چوقۇم ۋاقىتنى، پۇرسەتنى قەدىرلىشىڭلار كېرەك، چۈنكى ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقىتنى قايتۇرۇپ ئەكەلگىلى بولمايدۇ. ئاخىرىدا ساۋاقداشلارنىڭ پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ، ئالتۇندەك ئالىي مەكتەپ ھاياتىنى قەدىرلەپ كەسپى ۋە تىل جەھەتتىكى سەۋىيەڭلارنى داۋاملىق يۇقىرى كۆتۈرۈپ، 21 - ئەسىرگە خاس، ئۆزلۈك ئېڭى ئايدىڭ بولغان، يۇقىرى ساپالىق زىيالىيلاردىن بولۇپ يېتىشىپ چىقىشىڭلارنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن».

  ھەممىزگە مەلۇمكى ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتى جاپالىق ھەم شەرەپلىك خىزمەت. بۇ كەسىپنىڭ نېنىنى يېيىش تولىمۇ تەس، ئۈنۈم ۋە نەتىجىسىمۇ ئۇزاقتا كۆرۈلىدۇ. خەلقىمىزنىڭ پەخىرلىك ئوغلانى ئەخمەتجان قاسىمى: «دۇنيادا ئوقۇتقۇچى مېھنىتىدىن ئارتۇق پەخىرلىك مېھنەت يوق. چۈنكى داھىي، ئالىم، يازغۇچى، شائىر، ئۇچقۇچى... قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئوقۇتقۇچى مېھنىتىنىڭ مەھسۇلى ئەمەسمۇ!» دېگەن دانا ھۆكۈمنى ئوتتۇرغا قويۇپ، ئۆزىنىڭ ئوقۇتقۇچىلارغا بولغان چەكسىز ھەم سەمىمىي ھۆرمىتىنى ئىزھار قىلغان. شۇنداق ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتى ئەنە شۇنداق جاپالىق ئەمما شەرەپلىك خىزمەت. ئۇ ئىنسانىيەت روھىنىڭ ئېنژېنېرى، ئىنسان قەلبىگە تۇنجى مەرىپەت نۇرىنى ئېلىپ كىرگۈچى نۇرلۇق مەشئەل. ئەگەر ئوقۇتقۇچى بولمىغان بولسا، ئۇزاق تارىخ مابەينىدە ئىنسانىيەتنىڭ مول ئىلىم - پەن دۇردانىلىرى، كەشپىياتلىرى ۋۇجۇدقا چىقمىغان بولاتتى ئەلۋەتتە.

  بىز ئاخىرىدا بىلىم بېغىدىكى بۇ ھارماس، ئىجتىھاتچان باغۋەننىڭ تېنىنىڭ سالامەت، خىزمىتىنىڭ ئۇتۇقلۇق، ئائىلىسىنىڭ بەختلىك، بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى توغرىسىدىكى تەتقىقات ئىشلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا ۋە پورەكلەپ مېۋە بېرىشىگە چىن قەلبىمىزدىن سەمىمىي تىلەكداشمىز.

  مەزكۇر زىيارەت خاتىرىسى «شىنجاڭ ئاياللىرى» ژورنىلىنىڭ 2013- يىللىق 4- سانىدا ئېلان قىلىنغان.

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 【11】 【12】 【13】 【14】 【15】 
【16】 【17】 【18】 【19】 【20】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز