يېقىندا مۇخبىرنىڭ شېنجىن تاموژنىسىدىن ئىگىلىشىچە، 19-سېنتەبىر، iPhone6 تېلېفونى شىياڭگاڭ بازىرىدا رەسمىي سېتىلىشقا باشلىغاندىن بۇيان، بۇ تاموژنا 2000 غا يېقىن ئەتكەس iPhone6 نى قولغا چۈشۈرگەن.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 23-سېنتەبىر چۈشگىچە، شېنجېن تاموژنىسى لوخۇ، خۇاڭگاڭ، ۋېنجىندۇ، شېنجىنۋەن، شاتۇجياۋ ۋە شېكۇ پورتى قاتارلىق ھەر قايسى چېگرا(پورت)دىن قانۇنسىز ئېلىپ كىرىلگەن 1800 دانە iPhone6 نى قولغا چۈشۈرگەن.
شېنجېن تاموژنىسىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل خادىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىندا تاموژنا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، iPhone6 نى ئەتكەس قىلىش قاتارلىق قانۇنسىز قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىپ، قىسمەن قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنىڭ چېگرا ئىچىدە iPhone6تېلېفونىنى يۇقىرى باھادا سېتىش ئۈچۈن، چېگرىدىن ئوغرىلىقچە ئېلىپ كىرگەن تېلېفونلارنى قولغا چۈشۈرۈپ، iPhone6 بازارلىرىنى تەرتىپكە سالغان.