باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جەلىبكار ئاۋات ـــ دولان دېھقانلار رەسىملىرى كۆرگەزمىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى(1)

2014.09.24 16:29   مەنبە: خەلق تورى

جەلىبكار ئاۋات ـــ دولان دېھقانلار رەسىملىرى كۆرگەزمىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى(1)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: ج ك پ ئاۋات ناھىيەلىك كومىتېتى، ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مۇزېي بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن «جەلىبكار ئاۋات» ـــ دولان دېھقانلار رەسىملىرى كۆرگەزمىسى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مۇزېيدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈپ، ئاۋات ناھىيەسىدىكى دېھقانلارنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى ۋە گۈزەل ئارزۇسىنى نامايان قىلدى.

  بۇ قېتىملىق پائالىيەتتە ئاۋات ناھىيەسىنىڭ دولان دېھقانلار رەسىملىرىدىن يۈز پارچىدىن ئارتۇقى كۆرگەزمە قىلىنغان بولۇپ، ھەممىسى «جۇڭگو دولان دېھقانلار رەسىملىرى يۇرتى» ـــ ئاۋات ناھىيەسىدىكى دېھقان رەسساملارنىڭ ئۆز تۇرمۇشىدىن ئېلھام ئېلىپ سىزغان ئىجادىيەتلىرى. بۇ قېتىملىق پائالىيەتتە ئەسەرلەر «ئاشقۇنلۇقنى يوقىتىش»، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» ۋە «ئاقسۇ ئالمىلىرى قىزاردى» قاتارلىق ئۈچ تېمىغا بۆلۈنۈپ، دېھقان رەسساملار ئۆز يېنىدىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە ئۇلارنىڭ ھەقىقىي ھېسسىياتىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئاددىي شەكىل ۋە قويۇق بەدىئىي تىل ئارقىلىق بۇ تۇپراقتا ياشاۋاتقان ھەر مىللەت خەلقىنىڭ باي-باياشاد تۇرمۇشىغا بولغان مەدھىيەسى ۋە كەلگۈسىگە بولغان ئارزۇ-ئۈمىدلىرىنى ئىپادىلىگەن.

  «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» قىسمىدا، دېھقان رەسساملار ئاددىي تەسۋىرىي تىلى بىلەن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى تەسىرلىك ئىپادىلىگەن، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭدا خىزمەت تەكشۈرۈشى، ساخاۋەتچى ئالىم خالىق، يەر تەۋرىگەندە شىنجاڭ خەلقىنىڭ نان ئاپىرىشى، ئارمىيە-خەلقنىڭ قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتى، پەن-تېخنىكىنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش قاتارلىق دەۋر تېمىسىنى چۆرىدەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ھاياتلىق جان تومۇرى، دۆلەتنىڭ تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشى، خەلقنىڭ خاتىرجەم ياشىشىنىڭ مۇھىم كاپالىتى ئىكەنلىكىنى جانلىق ئەكىس ئەتتۈردى.

  «ئاقسۇ ئالمىلىرى قىزاردى» قىسمىدا، دېھقان رەسساملار شىنجاڭ ئىچى سىرتىغا داڭلىق ئاقسۇ «خوڭفۇشى» ئالمىسىنى چۆرىدەپ، ھەرخىل گۈزەل سەنئەت ئىپادىلەش ئۇسلۇبى ئارقىلىق ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ باياشاد تۇرمۇشىنى كۆپ تەرەپتىن ئەكىس ئەتتۈردى. رەسىملەرنىڭ بەزىلىرىدە ئاقسۇ ئالمىلىرىنىڭ ئامېرىكىلارغا ئېكىسپورت قىلىنىۋاتقانلىقى تەسۋىرلەنسە، بەزىلىرىدە ئاقسۇ ئالمىلىرىنىڭ ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىگە قاتناشتۇرۇلغانلىقى، يەنە بەزى رەسىملەردە دېھقانلارنىڭ ئالمىزارلىقلاردا خوشال-خورام ئەمگەك قىلىۋاتقانلىقى تەسۋىرلىنىپ، ئاددىي تىلى بىلەن قىپقىزىل ئالمىلار، خوشال-خورام چىرايلار، مول-ھوسۇل مەنزىرىلىرى ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ يېڭى تۇرمۇشقا بولغان مەدھىيەسى ۋە كېلەچەككە بولغان تولۇق ئىشەنچىسى ئىپادىلەندى.

  دولان دېھقانلار رەسىملىرى دېھقان رەسساملارنىڭ ئۆز قولى بىلەن سىزىپ چىققان چوڭقۇر ھېسسىياتى بولۇپ، يەنىمۇ بىۋاسىتە ئۇسۇل ئارقىلىق دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشى، دېھقانلارنىڭ ساداسىنى ئىپادىلەپ، كۈچلۈك دەۋر سەزگۈسى ۋە زامانىۋىي پۇراقنى گەۋدىلەندۈرۈپ، دولان ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيىتى، بولۇپمۇ ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قولغا كەلتۈرگەن تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى تەسىرلىك يورۇتۇپ بەردى.

  مۇھەررىر: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 【11】 【12】 【13】 【14】 【15】 
【16】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·كېلەر يىلى 25ئۆلكە، شەھەر، ئاپتونوم رايوندىكى ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىغا بىر تۇتاش سوئال چىقىرىلىدۇ
      ·كېلەر يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا 25 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەردە بىرلىككە كەلگەن ئىمتىھان سو…
      ·قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستېتوتى قەشقەر ئۇنۋېرسىتېتى دەپ ئۆزگەرتىلدى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى يۈەن گۈيرېن: بۇ يىل مەملىكەتلىك نۇمۇر قۇشۇپ بېرىش سىياسەتلىرى پۈت…
      ·ئىلمىي ئۈنۋاننىڭ تۈرگە ئايرىپ تەسىس قىلىش  كەسپىي مائارىپ راۋاجلاندۇرۇش
      ·{سىن}ئاپتونوم رايونىمىز ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانى توغرىسىدا يەتتە تۈرلۈك يېڭى تەدبىرنى چىقاردى
      ·{سىن}ئىچكىردىكى شىنجاڭ سىنىپى قاتارلىقلارغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئېتىبار سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىش با…
      ·ئەزا مويەن ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپىنى ھەقسىز مائارىپقا كىرگۈزۈش تەكلىپىنى بەردى
      ·ۋەكىل: جاڭ پىڭيىڭ: ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا چەت ئەل تىلىدىن ئىككى قېتىم ئىمتىھان بېرىش ئوقۇغۇچىلارن…
      ·ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ سىنىپلىرىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تەشۋىقات كۈنى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى