جۈرئەت چېمپىيونلۇق لوڭقىسىنى تاپشۇرۇپ ئالدى
شىنجاڭ تۇنجى نۆۋەتلىك ‹‹جيەنيى فار-فۇر خىش ›› لوڭقىسىنى تالىشىش سىنوكېر پىرى مۇسابىقىسى 20-سېنتەبىردىن 22-سېنتەبىرگىچە ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى . ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ، تونۇلغان ياش سىنوكېر ماھىرى جۈرئەت 1 كە قارشى 4 نەتىجە بىلەن فەرۇقنى يېڭىپ تۇنجى نۆۋەتلىك ‹‹ جيەنيى فار-فۇر خىش ›› لوڭقىسىنى تالىشىش سىنوك پىرى مۇسابىقىسىدا چېمپىيونلۇققا ئېرىشتى . فەرۇق ئىككىنچىلىككە ئېرىشىش بىلەن بىرگە 147 تولۇق نومۇر مۇكاپاتى ۋە بىر تاياقتا ئەڭ يۇقىرى نومۇر ئېلىش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى .
ئىگىلىنىشىچە ، بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىگە ئۈرۈمچى ، سانجى ، چۆچەك ، بايىنغولىن ، قەشقەر ، بۆرتالا ، ئاقسۇ قاتارلىق ۋىلايەت-ئوبلاستلاردىن كەلگەن 20 ماھىر قاتناشقان .
تونۇشتۇرۇلۇشىچە ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق بىلياردچىلار جەمئىيىتى يېقىنقى ئىككى يىلدا رايونىمىز ئىچىدە كەسپىي مۇسابىقىلەرنى كۆپلەپ ئۆتكۈزۈپ ، تېخىمۇ كۆپ بىليارد ماھىرلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىدىكەن .