23–سېنتەبىر ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگىتوندىكى بەش بۇرجەك بىنادا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جون كىربى (سولدا) مۇخبىرلارنىڭ سۇئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېگەن : ئامېرىكا بىلەن ئەرەب ئىتتىپاقداشلىقىنىڭ 22–سېنتەبىر سۇرىيە چېگرىسىدىكى رادىكال تەشكىلات ‹‹ئىسلام دۆلىتى ›› گە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىشى پەقەتلا بىرلەشمە زەربە بېرىش ئىستراتېگىيەسىنىڭ باشلىنىشى بولۇپ ، زەربە بېرىش يەنە داۋاملىشىدۇ .
مۇخبىرلار يىغىنىغا قاتناشقان ئامېرىكا ئارمىيەسى بىرلەشمە باش ئىشتابى جەڭ قىلىش تارمىقىنىڭ باشلىقى مايۋىللې مۇنداق بىلدۈرگەن : ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ نۆۋەتتە سۇرىيەگە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىشتىكى ئاساسىي مەقسىتى ‹‹ ئىسلام دۆلىتى ›› نىڭ ئىراققا ئادەم ۋە ماددىي ئەشيا كىرگۈزۈشىنى توسۇپ ، ئىراق بىخەتەرلىك قىسمىنىڭ زېمىنىنى قايتۇرۇۋېلىشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىش ئۈچۈندۇر . ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن : ئامېرىكا بۇ تەشكىلاتنىڭ ئىراقتىن چېكىنىپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ ، بۇنىڭغا يەنە نەچچە يىل ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن .