باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

داڭلىق فوتوگرافىمىز ئاۋۇت بارات(1)

2014.09.21 21:12   مەنبە: خەلق تورى

داڭلىق فوتوگرافىمىز ئاۋۇت بارات(1)

  يولداش ئاۋۇت بارات جۇڭگو فوتوگرافلار جەمئىيتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو مىللىي ئۆرپ-ئادەت فوتوگرافلىرى جەمئىيتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ۋە قەشقەر ۋىلايەتلىك فوتوگرافلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى. ئۇ 1978-يىلدىن باشلاپ فوتو سۈرەت ئىجادىيتى بىلەن شۇغۇللانغان. 30نەچچە يىلدىن بۇيان ئۇ بەزىدە شەھەر ئايلىنىپ، بەزىدە يېزا ئارىلاپ، بەزىدە تاغ-داۋان ئېشىپ، بەزىدە سۇ، لاي-لاتقا كېچىپ يۈرۈپ، 6000 پارچىغا يېقىن تېمىسى يېڭى، شەكلى ھەر خىل، مەزمۇنى چوڭقۇر، ئۇسلۇبى ئۆزگىچە بولغان فوتو سۈرەت ئەسەرلىرىنى، ھەقىقى چىن ئاخبارات سۈرەتلىرىنى، تارىخقا شاھىد بولالايدىغان سۈرەتلەرنى تارتتى ۋە كۆپ قىسىمىنى مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى گېزىت-ژۇرنال، توپلام قامۇسلاردا ئېلان قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشىپ كەلدى. ئۇنىڭ ئىجاد قىلغان فوتو سۈرەت ئەسەرلىرىدىن كۆپرەكى «جۇڭگو مىللەتلەر رەسىملىك ژۇرنىلى»، «تەيۋەن تارىخى ئەسەرلەر» ژۇرنىلى، «تەيۋەن ئۆسمۈرلەر گېزىتى»، «شىنجاڭ سۈرەتلىك ژۇرنىلى»، جۇڭگو نۇر گېزىتى، جۇڭگو پەن-تېخنىكا گېزىتى، «يىرىم ئايلىق سۆھبەت»، «شىنجاڭ گېزىتى» قاتارلق گېزىت-ژورناللاردا ئېلان قىلىندى.

  2000-يىلى «چېۋەر قول» ناملىق فوتو سۈرەت ئەسىرى مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى، جۇڭگو ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، خەلق رەسىملىك ژۇرنىلى قاتارلىق تۆت ئورۇن بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن تۇنجى قېتىملىق «دۇنيا خۇارېن بەدىئىي سۈرەت كۆرگەزمىسى»دە مىس مېدالغا ئېرىشىپ بېيجىڭ، شىياڭگاڭ، ياپۇنىيە، ئامېرىكا، ئىتالىيە قاتارلىق دۆلەت ۋە رايون، شەھەرلەردە كۆرگەزمە قىلىندى ۋە «دۇنيا خۇارېن داڭلىق سەنئەتكارى» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشتى. 1996-يىلى مەملىكەت بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى ئۆرپ-ئادەتلىرى فوتو سۈرەت مۇسابىقىسى» دا بىر پارچە فوتو سۈرەت ئەسىرى «مۇنەۋۋەر ئەسەر» مۇكاپاتىغا، 1996-يىلى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا تارتقان «جىياڭ زېمىن زۇڭشۇجى بىز بىلەن بىللە» ناملىق فوتو سۈرەت ئەسىرى ئاپتونوم رايون بويىچە 3-دەرىجىلىك «شىنجاڭ ئاخبارات سۈرىتى مۇكاپاتى»غا ئېرىشىپ مۇكاپاتلاندى. ژۇرنال تەھرىراتى تەرىپىدىن« نادىر ئەسەر» دەپ باھالاندى. 1991-يىلى ئىككى پارچە فوتو سۈرەت ئەسىرى ئاپتونوم رايون بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ئىككىنچى نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئاپتورلىرىنىڭ فوتو سۈرەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسىگە قويۇلدى.

  2004-يىلى «ئەسلەش» ناملىق فوتو سۈرەت ئەسىرى «دېڭ شىياۋپىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش نادىر سۈرەتلەر توپلىمى» ناملىق تارىخى قامۇسقا كىرگۈزۈلدى. ئۇ سۈرەت ۋە خەنزۇچە يېزىقنى بىرلەشتۈرۈپ (باشقىلار بىلەن) تەييارلىغان «يىپەك يولىدىكى مەرۋايىت-قەشقەر» ناملىق كىتابى 1993-يلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلدى. «قەشقەر مەنزىرىلىرى» ناملىق سۈرەتلەر توپلىمى 1995-يىلى نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ 30 نەچچە يىللىق فوتو سۈرەت ئىجادىيتى تەجرىبىلىرىگە ئاساسەن يېزىپ چىققان «فوتو سۈرەت ئاساسى بىلىملىرى» ناملىق كىتابى 2004-يىلى شىنجاڭ پەن-تېخنىكا نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلدى. ئاۋۇت بارات 1993-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشىر قىلغان «جۇڭگو شىنجاڭ قەشقەر» ناملىق چوڭ سۈرەتلىك قامۇسىنىڭ ھەم 1990-يىلى شىياڭگاڭ ئاسىيا نەشرىياتى نەشىر قىلغان «ئاسىيا-ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇق كۆۋرۈكى» ناملىق زور ھەجىملىك خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە-روسچە سۈرەتلەر توپلىمىنىڭ تەھرىر ھەيئىتى بولدى ھەمدە بۇ توپلامغا 10 پارچە فوتو سۈرەت ئەسىرى كىرگۈزۈلدى.

  ئاۋۇت باراتنىڭ ئاققۇزغان تەرى، سىڭدۈرگەن ئەجرى بىكارغا كەتمىدى. 1996-يىلى 12-ئايدا ئۇ شەرەپ بىلەن مەملىكەتلىك 6-نۆۋەتلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر قۇرۇلتىيىغا ۋەكىل بولۇپ قاتنىشىپ، باش شۇجى جىياڭ زېمىن قاتارلىق دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ قوبۇل قىلىشىغا مۇيەسسەر بولدى. 1995-يىلى ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن «مۇنەۋۋەر ئەدەبىيات-سەنئەتچى» بولۇپ باھالىنىپ مۇكاپاتلاندى. 2005-يىلى 8-ئايدا، جۇڭگو ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر جەمئىيتى، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك گۈزەل سەنئەت ئىنىستىتوتى، جۇڭگو ئەدەبىيات-سەنئەت «ئالتۇن قەدەھ» مۇكاپاتى تەشكىلى ھەيئىتى قاتارلىق ئورۇنلار تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان تۇنجى نۆۋەتلىك ئەدەبىيات-سەنئەت «ئالتۇن قەدەھ» مۇكاپاتى پائالىيتىدە «ئەڭ ياخشى فوتوگراف» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. 2005-يىلى 10-ئايدا خەلقئارا جۇڭخۇا مەدەنىيتى تەرىپىدىن «مۇنەۋۋەر جۇڭخۇا ئەدەبىيات-سەنئەتچىسى» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشتى ھەم «مەشھۇر تۆھپىكار» دېگەن نام بېرىلىپ، قىسقىچە تەرجىمىھالى بىلەن «جۇڭخۇا ئەدەبىيات-سەنئەتچىلىرى» ناملىق قامۇسقا كىرگۈزۈلدى. 2006-يىلى 5-ئايدا خەلقئارا جۇڭخۇا ئىقتىساسلىقلار جەمئىيتى ۋە جۇڭگو ئەدەبىيات-سەنئەت ئىجادىيەتچىلىرى جەمئىيتى تەرىپىدىن «جۇڭخۇا ھازىرقى زامان مەدەنىيىتىدىكى ئاتاقلىق خادىم» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشتى. 2006-يىلى 6-ئايدا جۇڭگو خەلقئارا ئەدەبىياتچىلار بىرلەشمىسى، «جۇڭگو چەتئەل ئىقتىساسلىقلىرى» ژۇرنىلى، جۇڭگو خەلقئارا ئاخبارات ئاگېنتلىقى، جۇڭگو ئەدەبىيات-سەنئەت ئالاھىدە تۆھپە مۇكاپاتى تەشكىلىي ھەيئىتى قاتارلىق ئورۇنلار تەرىپىدىن تۇنجى نۆۋەتلىك «جۇڭگو ئەدەبىيات-سەنئەت ئالاھىدە مۇكاپاتى» نىڭ «فوتو ئالتۇن مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى ھەم «جۇڭگو ئەدەبىيات-سەنئىتىدىكى ئۆمۈرلۈك تۆھپىكار» دېگەن شەرەپلىك نام بېرىلدى. ئۇنىڭ قىسقىچە ئىجادىي ھايات تەرجىمىھالى 1998- يىلى جۇڭگو مەدەنىيەت-سەنئەت نەشرىياتى نەشىر قىلىپ تارقاتقان «دۇنيا خۇارېن ئاتاقلىق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلىرى» ۋە «جۇڭگودىكى فوتوگرافلار» ناملىق چوڭ قامۇسلارغا كىرگۈزۈلدى.

  2001- يىلى مەركىزى خەلق رادىئو ئىستانسىسى، شىنجاڭ رەسىملىك ژۇرنىلى، شىنجاڭ گېزىتى، ئاسىيا كىندىكى گېزىتى، شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى، شىنجاڭ ئىشچىلار ھەرىكىتى ژۇرنىلى، شىنجاڭ سەنئەت ژۇرنىلى، قەشقەر گېزىتى قاتارلىق ئورۇنلار تەرىپىدىن ئۇنىڭ نەزەرىيە تەتقىقاتى، ئەدەبىي سەنئەت ئىجادىيتى، فوتو ئىجادىيتى ئىش-ئىزلىرىنى مەخسۇس تونۇشتۇردى.

【1】 【2】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·شىنجاڭ ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ھېيت-بايراملاردا  كوللېكتىپ دەرس تولۇقلىشىنى مەنئىي قىلىدۇ
      ·تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى ماتېماتىكا دەرسى بېرىش سىناق قىلىنىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۇنۋان باھالىشىدا بۇنىڭدىن كېيىن چەت ئەل تىلىدىن ئىمتىھ…
      ·ئالىي كەسپىي مائارىپ (مەخسۇس كۇرس) مەكتەپلىرىگە قوبۇل قىلىنالمىغان ئوقۇغۇچىلار 25 -، 26 - سېنتەبىر …
      ·ئاپتونوم رايونىمىزدىن 130 مىڭ 700 ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىندى
      ·2015-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى 3-سېنتەبىر ئاياغلىشىدۇ
      ·50مىليون ئامېرىكا دوللىرى قەرز پۇل بىلەن شىنجاڭ كەسپىي مائارىپ تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇشقا كىرىش سالاھىيىتىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، كەسپ …
      ·ئالىي كەسپىي مائارىپ (مەخسۇس كۇرس) مەكتەپلىرىنىڭ ئورۇندالمىغان پىلانىغا ئارزۇ تولدۇرۇش خىزمىتى باشل…
      ·مەۋلۇت: ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا نومۇر قوشۇشنى بىكار قىلىشنىڭ تېخىچە ۋاقىت …