جېجياڭ ئۆلكىسى نىڭبو شەھىرى شاڭشەن ناھىيەسىنىڭ شىپۇ بېلىقچىلىق پورتىدىكى بېلىقچىلار 16-سېنتەبىر چۈش سائەت 12:00 دە كېمىلىرىنى ھەيدەپ بېلىق تۇتۇش رايونىغا قاراپ ئاتلاندى . شۇ كۈنى ئۈچ يېرىم ئاي داۋاملاشقان شەرقىي دېڭىزدا بېلىق تۇتۇشنى چەكلەش ۋاقتى رەسمىي ئاخىرلىشىپ جېجياڭ جوۋشەن ، نىڭبو ، تەيجۇ قاتارلىق جايلاردىكى بېلىقچىلار كېمىلىرىنى ھەيدەپ ئارقا-ئارقىدىن دېڭىزغا چىقتى .