1002-يول لىنىيەسىنىڭ يەنئەن مېھمانخانىسى بېكىتىدە كىشىلەر تەرتىپلىك ھالدا 1002-يول ئاپتوبۇسىغا چىقماقتا
ئۈرۈمچى شەھىرىدە 12-سېنتەبىردىن باشلاپ يېڭىدىن 1002-يول قاتناش لىنىيەسى ئېچىلدى . بۇ لىنىيەگە سېلىنغان سەككىز ئاپتوبۇس چوڭكۆل بىلەن جەنۇبىي شىنخۇا يولى ئارىسىدا قاتنايدىغان بولۇپ ، 6.7 كىلومېتىر مۇساپىنى بېسىش جەريانىدا 14 بېكەتتىن ئۆتىدۇ ، يولغا چىقىش ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 8:00 دىن كەچ سائەت 22:00 (بېيجىڭ ۋاقتى) گىچە بولۇپ ، ھەر يەتتە مىنۇتتا بىر ئاپتوبۇس كېلىدۇ ، بېلەت باھاسى بىر يۈەن ، ياشانغانلار ، ئوقۇغۇچىلار كارتىلىرى بىردەك ئىشلەيدۇ .
1002-يول ئاپتوبۇسى جەنۇبىي شىنخۇا يولى ، غالىبىيەت يولى ، جەنۇبىي باغچا (بۇرۇنقى ھايۋانات باغچىسى) ، ئىلىم-پەن ، ئۇچۇر ئىنىستىتۇتى ، باھار يولى ، 17 تۈتۈن ، كىنو زاۋۇتى ، كاڭجۈ گۈللۈكى (2-قارار) ، پۇتبول مەكتىپى ، بەيگە مەيدانى يول ئېغىزى ، يەنئەن مېھمانخانىسى ، جەنۇبىي مەكتەپ رايونى ، شياڭدۇڭ بېكىتى ، چوڭكۆل قاتارلىق بېكەتلەردىن ئۆتىدۇ .