خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مۇساجان ياسىن خەۋىرى، فوتوسى: 5-سېنتەبىر قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ سايباغ يېزا سايباغ كەنتىدىكى 1 مىڭ 593 ياشلىق «ياڭاق دەرىخى پادىشاھى» نىڭ سايىسىدە ئۆزگىچە جەلىبكار بايرام ــــ 7-نۆۋەتلىك ياڭاق ئۈزۈش بايرىمى ئۆتكۈزۈلدى. جوڭگۇ ئاخبارات ئاگىنىتلقى، «شىنجاڭ گېزىتى»، «ئاسىيا كىندىكى» گېزىتى قاتارلىق ئاخبارات ئورۇنلرىنىڭ مۇخبىرلىرى، ياڭاق سودىگەرلىرى، تەكلىپلىك مېھمانلار بولۇپ 2000 غا يېقىن ئادەم قاتناشقان ياڭاق قېقىش بايرىمىدا ، قاغىلىق ناھىيەلىك ناخشا- ئۇسۇل ئۆمىكىنىڭ ئارتىسلىرى ئورۇنلىغان سەر خىل سەنئەت نۇمۇرلىرى، ياڭاقلىق باغدىكى يەتتە جۈپ ياشىنىڭ كوللېكتىپ توي مۇراسىمى، دېھقان رەسساملار رەسىم كۆرگەزمىسى، ئەنئەنىۋىي تەنتەربىيە مۇسابىقىسى، خانىم-قىزلارنىڭ كىيىم-كېچەك مودېل مۇسابىقىسى،دېھقان سەنئەتكارلار ئورۇنلىغان نادىر نومۇرلار ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى يەرمەنكىسى قاتارلىق يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەر بايرامنى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتەردى. ھەر خىل سورتتىكى ئەلا سۈپەتلىك ياڭاقلار بېيجىڭ، شاڭخەي، جېڭجۇ، ئۈرۈمچىدىن كەلگەن نەچچە يۈز سودىگەر ۋە ساياھەتچىنى جەلب قىلىپ، زاكاز تالونلىرىمۇ بۇنىڭ بىلەن تەڭ كۆپەيدى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى