باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئۇكرائىنا ئارمىيەسى بىلەن رۇسپەرەس قوراللىقلار يەنە توقۇنۇشتى(1)

2014.09.10 14:11   مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

ئۇكرائىنا ئارمىيەسى بىلەن رۇسپەرەس قوراللىقلار يەنە توقۇنۇشتى(1)

  ئۇكرائىنا ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بىلەن رۇسپەرەس قوراللىقلار ئىمزالىغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى 5-سېنتەبىردىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولۇپ نەچچە كۈن ئۆتمەيلا ، ئىككى تەرەپ 7-سېنتەبىر ئۇكرائىنانىڭ شىمالى ۋە جەنۇبىدىكى نۇرغۇن جايدا يەنە ئېتىشتى .

  ئۇكرائىنا مۇستەقىللىق ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە ، ئۇكرائىنا ھەربىي تەرەپ شۇ كۈنى جاكارلاپ : ‹‹ رۇسپەرەس قوراللىقلار كېچىدە مىناميوت بىلەن دونىتسىك ئايرودۇرۇمىغا ھۇجۇم قىلدى ، بۇنىڭدىن باشقا ، ئېلىمىزنىڭ شەرقىگە جايلاشقان ئاۋدىۋكا ، لېبېدىنسىك ۋە مارىئۇپۇل قاتارلىق جايلاردىكى بازىلىرىمىز ۋە تەكشۈرۈش پونكىتلىرىمىز رۇسپەرەس قوراللىقلارنىڭ مىناميوت ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى ، بىز قايتۇرما ھۇجۇم قىلىپ ، رۇسپەرەس قوراللىقلارنىڭ بىر تانكىسىنى بىتچىت قىلدۇق ›› دېگەن .

  ‹‹ئۇكرائىنا ھەقىقەت گېزىتى ›› نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، ئۇكرائىنانىڭ جەنۇبىدىكى شەھەر مارىئۇپۇلدا ھەربىي بازىلاردىن باشقا يەنە ماي قاچىلاش پونكىتى ۋە ئاھالىلەرنىڭ تۇرالغۇ ئۆيلىرىمۇ ھۇجۇمغا ئۇچرىغان ، بىر پۇقرا قازا قىلغان ، بىر ھەربىي يارىلانغان ، ئۈچ چوڭ ئادەم ، ئىككى كىچىك بالا (ئاۋام پۇقرا) ئولتۇرغان بىر ئاپتوموبىل ئوققا تۇتۇلغان .

【1】 【2】 【3】 【4】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·مائارىپنى راۋاجلاندۇرىدىغان ئاكتىپ ئېنېرگىيە توپلايلى
      ·ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىجتىمائىي پەن، تەبىئىي پەن دەپ ئايرىلمايدۇ
      ·بىر ئىمتىھان بىلەن ئۆمۈرلۈك تەقدىرى بەلگىلىنىپ كېتىدىغان ئەھۋالغا خاتىمە بېرىلىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ھۆكۈمەت مەكتەپلىرىدىكى غوللۇق ئوقۇتقۇچىلارنى ئالماشتۇرۇپ ئىشقا قويۇشنى ئىلگىر…
      ·جېجياڭدا بىر باشلانغۇچ مەكتەپ «ئۆگزە مەيدان» سالدى(1)
      ·مائارىپ مىنىستىرلىكى ئالىي مەكتەپكە يېڭى كىرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ سالاھىيىتىنى قايتا تەكشۈرۈشنى تەلەپ …
      ·بېيجىڭ سەنئەت–تاراتقۇ كەسپىي ئىنستىتۇتى شىنجاڭدىن ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار 100 ئوقۇغۇچىنى ھەقسىز …
      ·بالىڭىزنىڭ تاپشۇرۇق ئىشلىشىگە ماسلىشامسىز
      ·ئالىي مەكتەپلەرگە يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار دۆلەت ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلىنى قانداق ئىلتىماس…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى يېڭى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇشقا كىرىش سالاھىيىتىنى قايتا تەكشۈرۈشنى …