سومالىدىكى بىر ئەمەلدارنىڭ 8-سېنتەبىر ئېيتىشىچە ، پايتەخت مۇقدىشۇنىڭ شەھەر ئەتراپى رايونىدا ئىككى قېتىم ئاپتوموبىلبومبا پارتلاپ ، ئاز دېگەندە 12 ئادەم قازا قىلغان ، 22 ئادەم يارىلانغان . نەق مەيداننى كۆرگۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە ، شۇ كۈنى ، پارتلاتقۇچ ئورنىتىلغان بىر ئاپتوموبىل ئافگويې بازىرى ئەتراپىدا كېتىپ بارغان ئافرىقا ئىتتىپاقى قىسمىنىڭ ئاپتوموبىل ئەترىتىگە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلغان . سومالى ساقچى تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە ، شۇ كۈنى يۈز بەرگەن يەنە بىر قېتىملىق ئاپتوموبىلبومبا پارتلىتىپ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە ، بىر نەپەر ھۆكۈمەت ئەمەلدارى يارىلانغان .