خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9-ئاينىڭ 8-كۈنى،«تېلېتېخنىكىلىق سۈنئىي ھەمراھ 21-نومۇر» نى توشۇغۇچى راكېتا «ئۇزۇن سەپەر 4-نومۇر» ھاۋاغا قويۇپ بېرىلدى. شۇ كۈنى سائەت 11:22 دە، تەييۈەندىكى سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىدە «ئۇزۇن سەپەر 4-نومۇر» ناملىق توشۇغۇچى راكېتا «تېلېتېخنىكىلىق سۈنئىي ھەمراھ 21-نومۇر» نى ئېلىپ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈپ، ئوڭۇشلۇق ھالدا ئالدىن بېكىتىلگەن ئوربېتىغا كىردى. بۇ، ئۇزۇن سەپەر ناملىق توشۇغۇچى راكېتانىڭ 193-قېتىم ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشى ئىكەن.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى