ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى شۆجۈن سۆز قىلدى
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى شۆجۈن مۇراسىمغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى : جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئاخبارات تارقىتىش ئىشلىرى نۇرغۇن يىللىق تەرەققىياتلار ئارقىلىق تېخىمۇ زور ئۈنۈمگە ئېرىشىپ ، مەزمۇنى مول ، شەكلى تېخىمۇ جانلىق بولۇپ ، تارقىتىش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ ، كۆپ تىللىق ، ئامما قارشى ئالىدىغان ، ئۇچۇر مىقدارى كۆپ ، تەسىرى كۈچلۈك ، قاپلاش دائىرىسى كەڭ بولغان زامانىۋى تارقىتىش سىستېمىسىغا ئايلاندى . بۇنىڭدىن كېيىن ، جۇڭگو شىنجاڭ تېخىمۇ ياخشى بولغان بىر تۈركۈم ئاخبارات تور بېكەتلىرىنى قۇرۇپ ، كۆپ تىللىق تاراتقۇلار سۇپىسىنى بەرپا قىلىپ ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى دۆلەتلەر ۋە رايونلارنىڭ ئالماشتۇرۇشىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرىدۇ .
31-ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن ، يىغىنغا قاتناشقان مېھمانلار ئاخبارات ئاگېنتلىقلىرىنىڭ گېزىت ، رادىيو–تېلېۋىزىيە ، قەرەللىك ژۇرنال قاتارلىق ئۈچ تارماق مۇنبىرىگە ئاساسەن مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى .
بۇ قېتىملىق مۇنبەرنى گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ئۇيۇشتۇرغان ، جۇڭگو چەت ئەل تىللىرى ئىدارىسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان . ئاسىيا–ياۋروپا تاراتقۇلار مۇنبىرى ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ ، ئاسىيا–ياۋروپادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر تاراتقۇلىرىنىڭ سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ، ئالماشتۇرۇشىدىكى مۇھىم سەھنىگە ئايلاندى .