خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ مۇخبىرى ئالىمنىڭ 11-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: بېيجىڭدىكى ھەر ساھەدە خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار 9-ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن جەم بولۇپ، روزا ھېيتنى كوللېكتىپ پەتىلىدى.
بۇ پائالىيەت بېيجىڭدىكى روشەنگۈل رېستورانىدا ئۆتكۈزۈلدى، بېيجىڭدىكى ھەرساھەدە خىزمەت قىلىۋاتقان ئىككى يۈزچە كىشى پائالىيەتكە قاتناشتى، مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ داڭلىق مۇخبىرى، دىكتورى ئابدۇرۇسۇل قاتارلىقلار پائالىيەتكە رىياسەتچىلىك قىلدى، خەلق تورى، مىللەتلەر سۈرەتلىك ژۇرنىلى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ مۇھەررىر، مۇخبىرلىرى نەق مەيداننى سۈرەتكە ئالدى، جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخ-مەدەنىيەت تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ھېيت مۇھەممەت ئەپەندى سۆز قىلدى، مەركىزىي مىللەتلەر ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىدىن ئاتاقلىق ئۇسسۇلچى شەۋقىيە قاتارلىق سەنئەتكارلار نادىر نومۇرلىرى بىلەن سورۇننى ئەۋجىگە كۆتۈردى. ئاخىرىدا كۆپچىلىك ئەنئەنىۋىي ساما ئۇسسۇلى بىلەن پائالىيەتنى ئاخىرلاشتۇردى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى