باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>ئالبوم

يالقۇن ھابىل(1)

2014.08.01 08:36   مەنبە: خەلق تورى

يالقۇن ھابىل(1)

  1965- يىلى شىنجاڭ ئۇنۋېرستىتىنىڭ ئەدەبىيات فاكولتىتىغا ئوقۇشقا كىرگەن. 1973- يىلىدىن 1979- يىلىغىچە شىنجاڭ گېزىتىدە يېزىق مۇخبىرى بولۇپ ئىشلىگەن. 1980- يىلى شىنجاڭ سۈرەتلىك ژۇرنىلىنىڭ فوتو مۇخبرلىقىغا ئالمىشىپ، 1991- يىلى مەزكۇر ژۇرنالنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەرىرلىكىگە تەيىنلەنگەن. 2003- يىلى ئالى مۇخبىر ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.

  يالقۇن ھابىل فۇتو مۇخبىرلىقىنى ئىشلەش جەريانىدا، شىنجاڭنىڭ تاغ- دەريا، چۆل- جەزىرە ۋە باغۇ- بوستانلىرىنى ئارىلاپ يۈرۈپ، ۋەتەنگە، خەلققە، تەبىئەتكە بولغان ئوتلۇق مۇھەببىتىنىڭ تۈرتكىسىدە نۇرغۇن مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى ياراتتى، بۇ ئەسەرلەرنى دۆلەت ئىچى – سىرتىدا نەشر قىلىنغان سۈرەتلىك توپلاملاردا، گېزىت- ژۇرناللاردا ئۈزلۈكسىز ئېلان قىلدى. ھەر دەرىجىلىك فوتو- سۈرەت مۇسابىقىلىرىغا ئەسەرلىرىنى قاتناشتۇرۇپ، نۇرغۇن مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى. 2003- يىلى پارىژغا بېرىپ، خەلقئارا سەنئەت بايرىمىغا قاتنىشىپ، ئەسەرلىرىنى كۆرگەزمە قىلدى. ئاۋمېن، ئالمۇتا، تاشكەنت، بېشكەك شەھەرلىرىدە ئېچىلغان فوتو-سرەت كۆرگەزمىلىرىگە ئەسەرلىرىنى قاتناشتۇردى. يالقۇن ھابىل بۇ تىرىشچانلىقلىرى بىلەن ئامما ئارىسىدا كۈچلۈك تەسىر قوزغاپ، جەمئىيەتنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى.

  ئۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ فوتوگرافلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شىنجاڭ ئاخبارات سۈرەتچىلىكى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭگو ئاخبارات سۈرەتچىلىكى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى ، جۇڭگو خەلق سىياسى كېڭەش مەسلىھەت كېڭىشى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9- نۆۋەتلىك كومىتىتىنىڭ ئەزاسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىدى ۋە ئۆتىمەكتە. يالقۇن ھابىل ئەسەرلىرىدىن ئورمانچىلىق، ئېكولوگىيە، مۇھىت ئاسراش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چوڭ تىپتىكى بىر يۈرۈش بەدىئىي سۈرىتى «ئەۋلادلارغا بەخت يارىتىدىغان يېشىل قۇرۇلۇش»،تارىم ۋادىسىنىڭ ئۇزاق تارىخى، جۇغراپىيىسى ۋە خەلقلىرىنىڭ ئۆرپ- ئادەتلىرى، تۇرمۇشى قاتارلىق مەزمۇنلار ئەكس ئەتتۈرۈلگەن چوڭ تىپتىكى بىر يۈرۈش بەدىئىي سۈرىتى «تارىمغا سەپەر»، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى ئوبلاست، ۋىلايەت، ناھىيە، يېزىلىرىنىڭ تارىخ، جۇغراپىيە، ئىقتىساد ۋە ئەنئەنىۋىي تۇرمۇش ئادەتلىرى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىپ ئىشلەنگەن مەخسۇس بەدىئىي ئاخباراتى «گۆھەر زىمىن ئىلى»، «ئاقسۇ دەرياسى»، «گۇچۇڭ ۋە گۇچۇڭ ھارىقى»، «لوپنوردا كۆرگەن- ئاڭلىغانلىرىم»،« ئېھ ، ئويتاغ»، «قاراقۇرۇملۇقلار»، «چىليەنشەن ئېتىگىدىكى يۈيغۇرلار»، « كېرىيە خاتىرلىرى»، «قەشقەر بىناكارلىق سەنئىتى»، «ئېھ، تارىم يېشىل كارىدورى»، «ھاياتلىق سۈيى تارىم يېشىل كارىدورىنى ئويغاتتى»، «تارىم لوپنۇرلۇقلارنىڭ تەبىئىي ئېكولوگىيىلىك ماكانى» قاتارلىقلار جەمئىيەتتە كۈچلۈك تەسىر قوزغاپ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.

  1989- يىلى «فوتو- سۈرەتچىلىك ھەققىدە ساۋات» دېگەن كىتاب يالقۇن ھابىلنىڭ مەسئۇل تەھرىرلىكىدە نەشىردىن چىقتى. ئىككى كەسپداش بىلەن بىرلىشىپ ئامىرىكا نيۇيورك ئۇنۋېرستىتىنىڭ «فوتوگرافىيە دەرسلىكى» دىگەن مەشھۇر كىتابىنى تەرجىمە قىلىپ نەشىرگە بەردى. «مارالبېشىنىڭ سەلتەنىتى»، «قوغۇن يۇرتى پەيزىۋات»،«شىنجاڭ ساياھەتچىلىك قوللانمىسى»، «ماھىنۇر قاسىمىنىڭ ھاياتىدىن سۈرەتلىك ئەسلىمىلەر» قاتارلىق سۈرەتلىك توپلاملارنى تەھرىرلەپ نەشىردىن چىقاردى.

  يالقۇن ھابىلنىڭ ئاپتونوم رايوندىن يۇقىرى دەرىجىلىك كۆرگەزمىلەردە ئېرىشكەن مۇكاپاتلىرى: «دېڭىز شەپىقى» 1982- يىلى شىنجاڭ 4- نۆۋەتلىك بەدىئىي سۈرەتلەر كۆرگەزمىسىدە 2- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، «قەدىمىي دەرەخ»، «يۈز ئاچقۇ» 1983- يىلى ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى نۆۋەتلىك مىللىي فوتوگرافلار كۆرگەزمىسىدە 2- ۋە 3- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، «جانبازلار يۇرتى» 1986- يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە 2- دەرىجىلىك ئاخبارات مۇكاپاتىغا، «ئانا تۇپراق» 1993- يىلى مەملىكەت بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن «گۈزەللىك تەبىئىيلىكتە» بەدىئىي ئەسەر مۇسابىقىسىدە مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا، بەدىئىي ئاخبارات «تارىمغا سەپەر»1996- يىلى مەملىكەت بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن سۈرەتلىك ژۇرناللارنى باھالاش يىغىنىدا 1- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، بەدىئىي ئاخبارات «ھاياتلىق سۈيى تارىم يېشىل كارىدورىنى ئويغاتتى» 2002- يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە 2- دەرىجىلىك ئاخبارات مۇكاپاتىغا، بەدىئىي ئەسەر «ئانار كۆلى بويىدا» 2002- يىلى جۇڭگو فوتوگرافىيە گېزىتى ئۇيۇشتۇرغان دوستلۇق مۇسابىقىسىدا ئەلا مۇكاپاتقا، «چۈمبىلىڭنى قايرىۋەت» مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا، بەدىئىي ئەسەر «ئالتۇن كۈز» ياپونىيە كانون شىركىتى 2002- يىلى ئۆتكۈزگەن «تەبىئەت ۋە ئادەم» تېمىسىدىكى فوتو- سۈرەت مۇسابىقىسىدا مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا ، بەدىئىي ئەسەر «ئالتۇن تارىم» 2004- يىلى مەملىكەت بويىچە سۈرەتلىك ژۇرناللارنى باھالاشتا 3- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، بەدىئىي ئەسەر «ئاق قىيىن» 2005- يىلى مەملىكەت بويىچە سۈرەتلىك ژۇرناللارنى باھالاشتا 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، بەدىئىي ئاخبارات «تارىم لوپنۇرلقلارنىڭ تەبىئىي ئىكولوگىيىلىك ماكانى» 2008- يىلى مەملىكەت بويىچە سۈرەتلىك ژۇرناللارنى باھالاشتا 2- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. يالقۇن ھابىل 2003- يىلى شەرەپ بىلەن جۇڭگو ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئالى مۇكاپاتى

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 【11】 【12】 【13】 【14】 【15】 
【16】 【17】 【18】 【19】 【20】 【21】 【22】 【23】 【24】 【25】 【26】 【27】 【28】 【29】 【30】 
【31】 【32】 【33】 【34】 【35】 【36】 
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز