باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

كۇچادا ئەرزان باھالىق گۆش بازارغا سېلىندى

2014.07.30 14:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى:


  ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى ، فوتوسى : 25- ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 8:00 دىن باشلاپ كۇچا ناھىيەسىنىڭ كونا شەھەردە ئىككى نۇقتىدا ، يېڭى شەھەردە ئىككى نۇقتىدا بىرلا ۋاقىتتا ئەرزان باھالىق قوي گۆشى سېتىلىشقا باشلىدى، قىسقىغىنە تۆت سائەت ئىچىدە يەتتە توننىدىن ئارتۇق ئەرزان باھالىق قوي گۆشى سېتىلدى.


  كۇچا ناھىيەلىك سودا ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئەنئەنۋىي بايرىمى ــــ روزا ھېيتقا ئاز قالغان پەيتتە كۇچا ناھىيەسىدىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بايراملىق تەمىنلەشنى موللاشتۇرۇش، بازار باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن 25- ئىيۇلدىن باشلاپ 28- ئىيۇلغىچە 50 توننا ئەرزان باھالىق قوي گۆشىنى بازارغا سالىدىكەن، تەمىنلىنىدىغان ھەر كىلوگىرام قوي گۆشىنىڭ باھاسى46 يۈەن بولۇپ، بازار باھاسىدىن 5 يۈەندىن 8 يۈەنگىچە ئەرزان تەمىنلىنىدىكەن ، گۆش تەمىنلىگەن ئورۇنغا ھەر كىلوگىرام قوي گۆشى ئۈچۈن دۆلەت تۆت يۈەندىن تولۇقلىما بېرىدىكەن.

  مۇخبىر: كۇچا ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسىدا


  مۇھەررىر : ت. ئا.ئەركمان
  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر