باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«ئىلچى» كىيىم-كېچەك كۆرگەزمىسى ۋە ئۇيغۇر كىيىم-كېچەك مەدەنىيىتى مۇھاكىمە يىغىنى قەشقەردە ئۆتكۈزۈلدى(1)

2014.07.30 13:50   مەنبە: خەلق تورى

«ئىلچى» كىيىم-كېچەك كۆرگەزمىسى ۋە ئۇيغۇر كىيىم-كېچەك مەدەنىيىتى مۇھاكىمە يىغىنى قەشقەردە ئۆتكۈزۈلدى(1)

  ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابلىمىت سوپىھاجى خەۋىرى، فوتوسى: شىنجاڭ «ئىلچى» كىيىم-كېچەم چەكلىك شىركىتى 10-نۆۋەتلىك «قەشقەر سودا يەرمەنكسى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيۇشتۇرغان «ئىلچى»، «سەرسىيە» ماركىلىق كىيىم-كېچەك كۆرگەزمىسى ۋە بەشىنجى نۆۋەتلىك ئۇيغۇر كىيىم-كېچەك مەدەنىيىتى مۇھاكىمە يىغىنى 27-ئىيۇل چۈشتىن كېيىن قەشقەر «يىن رۇيلىن» كاتتا مىھمانسارىيىدا ئېچىلدى. «قەشقەر سودا يەرمەنكىسى»گە قاتنىشىۋاتقان بىر قىسىم مىللىي كارخانىچىلار، قەشقەردىكى مەدەنىيەت تەتقىقاتچىلىرى، يازغۇچى، شائىرلار ۋەكىللىرى بۇ قېتىمقى پائالىيەيتكە قاتناشتى.

  پائالىيەتتە شىنجاڭ «ئىلچى» كىيىم-كېچەك شىىركىتى قۇرۇلغان 12 يىلدىن بۇيانقى تەرەققىيات مۇساپىسى ئەسلەپ ئۆتۈلدى، «ئىلچى»، «سەرسىيە» ماركىلىق كىيىملەر كۆرگەزمە قىلىندى. مەدەنىيەت تەتقىقاتچىلىرى، شائىر-يازغۇچىلار قانداق قىلغاندا «ئىلچى» ماركىلىق كىيىملەرنىڭ مىللىي خاسلىقىنى ئاشۇرغىلى بولۇدىغانلىقىنى مەشھۇر ئالىملىرىمىزدىن مەھمۇد كاشغەرىي، يۈسۈپ خاس ھاجىپلارنىڭ «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك»، «قۇتادغۇ بىلىك» قاتارلىق مەشھۇر ئەسەرلىرىدىكى ئۇيغۇر كىيىم-كېچەك مەدەنىيىتى ھەققىدىكى بايانلىرىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئۇيغۇر كىيىم-كېچەك مەدەنىيتىنى گۈللەندۈرۈش، بۇ يىل 9- ئايدا ئۈرۈمچىدە ئېچىلىدىغان تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو كىيىم-كېچەك مەدەنىيىتى مۇنبىرىدە ئۇيغۇر كىيىم-كېچەكلىرىنىڭ خاسلىقىنى ئاشۇرۇش توغرىسىدا مەخسۇس ماتېرىيال توپلاش توغرىسىدا مۇھاكىمە قىلدى، قەشقەردىكى ئەدىب، تەتقىقاتچىلار قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلەرنى بەردى.

  سۈرەتتە: «ئىلچى» كىيىم-كېچەك كۆرگەزمىسى ۋە ئۇيغۇر كىيىم-كېچەك مەدەنيىتى مۇھاكىمە يىغىنىدىن كۆرۈنۈشلەر.

  مۇھەررىر : ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 【11】 【12】 【13】 【14】 【15】 
【16】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·ئالىي مەكتەپ ئالاھىدىلىكى بويىچە قوبۇللانغان ئوقۇغۇچى قاتارلىق 50 تۈرلۈك ئۇچۇرنى ئېلان قىلىدۇ
      ·ئالى مەكتەپ ئىمتاھانىدىكى ئەل يول ئەلالار ۋە داڭلىق مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغانلار كاتتا مۇكاپاتلاندى
      ·كورلا شەھىرىدە يازلىق تەتىل ئەھمىيەتلىك ئۆتمەكتە(1)
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى 9-ئايدا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشى ئۆستۈرۈلىدۇ، دېگەن خەۋەرنى ئىنكار قىلدى
      ·«يېڭى يېپەك يولى»نىڭ باشلامچىلىرى ـــ تاجىكىستاندىكى جۇڭگولۇق سودىگەرلەر
      ·يېڭى مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇنجى ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى %70 تىن ئاشتى
      ·بالىلارنى ‹‹ئوقۇش ئەسقاتمايدۇ›› دېگەن سەپسەتە بىلەن قايمۇقتۇرۇشقا يول قويمايلى
      ·شىنجاڭدا 2014-يىللىق تولۇق كۇرس 1-تۈركۈمگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئارخىبى چىقىرىش 17-ئىيۇلدا رەسمىي ب…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئۆلكە ئاتلاپ ئۆرلەپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش تەۋەلىكىنى باشقۇرۇش توغرىس…
      ·ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سوۋغات بۇيۇم ۋە سوۋغات پۇل قوبۇل قىلىشىغا ئالتە «قىزىل سىزىق» بەلگىلەندى