سەئۇدى ئەرەبىستاندا چىقىدىغان ‹‹ رىياد گېزىتى ›› نىڭ 27-ئىيۇلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ، 26-ئىيۇل كەچ ، ئۈچ مىليوندىن ئارتۇق ئېتىقادچى ئامما مەككىدىكى ھەرەم مەسچىتى ۋە مەدىنەدىكى پەيغەمبەر مەسچىتىگە يىغىلىپ ، قەدىر كېچىسىدە ‹‹ قۇرئان ›› خەتمىسى تاماملانغانلىقىغا شاھىت بولۇشقان . بۇ مىليونلىغان مۇسۇلمان ئامما قاتنىشىشنى ۋە كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىدىغان ئۇلۇغ پەيت .
روزا ئېيىنىڭ 27-كېچىسى (قەدىر كېچىسى ، يەنى ئىسلام دىنىدىكى ‹‹ قۇرئان ›› نازىل بولغان كېچە) دە ، مەككىدىكى ھەرەم مەسچىتىدە ئارامبەخش يامغۇر ياغقان ، ئېتىقادچى ئامما ئۇلۇغ روزا ئېيى بىلەن خوشلىشىشقا قىيماي كۆز يېشى قىلىشقان .