باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

3-قېتىملىق رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش يىغىنى ئېچىلدى(1)

2014.07.25 14:47   مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

3-قېتىملىق رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش يىغىنى ئېچىلدى(1)

  3-قېتىملىق رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش يىغىنى 23-ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى

   3-قېتىملىق رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش يىغىنى 23-ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى . يىغىندا مەركەزنىڭ 2-قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلۈپ ، ئالدىنقى بىر باسقۇچلۇق رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە سىستېمىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدىكى نەتىجە ۋە تەجرىبىلەر خۇلاسىلەندى ۋە ئالماشتۇرۇلدى ، ھەمدە يېڭى باسقۇچلۇق رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى .

  دۆلەتلىك ئاخبارات-نەشرىيات-رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى تيەن جىن ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى شۆجۈن ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا قاتناشتى .

  ئىگىلىنىشىچە ، مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان ، دۆلەتلىك ئاخبارات-نەشرىيات-رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى يۈكدەك ئەھمىيەت بېرىپ ، ئۇدا ئۈچ قېتىم رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش يىغىنى چاقىرىپ ، تۈر ، سىياسەت ، مەبلەغ قاتارلىق تەرەپلەردە شىنجاڭنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ ، شىنجاڭنىڭ رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە ئىشلىرىدىكى نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلارنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېزلەتكەن ، رادىيو-تېلېۋىزىيەنى ھەممە كەنتلەرگە يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى ، شىزاڭ-شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنىڭ 4-قارار 2-باسقۇچى ۋە بەشىنچى قارارى ، يېزا-كەنتلەردە كىنو قويۇش قۇرۇلۇشى ، شىنجاڭغا تېلېۋىزىيە تىياتىرى ۋە كىنو قاتارلىق تەرجىمە فىلىملەرنى ھەدىيە قىلىش ، مىللىيچە رادىيو-تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرى سۈنئىي ھەمراھدا يەتكۈزۈش قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك قۇرۇلۇشلارنى ئەمەلىيلەشتۈرگەن .

【1】 【2】 
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·كورلا شەھىرىدە يازلىق تەتىل ئەھمىيەتلىك ئۆتمەكتە(1)
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى 9-ئايدا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشى ئۆستۈرۈلىدۇ، دېگەن خەۋەرنى ئىنكار قىلدى
      ·«يېڭى يېپەك يولى»نىڭ باشلامچىلىرى ـــ تاجىكىستاندىكى جۇڭگولۇق سودىگەرلەر
      ·يېڭى مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇنجى ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى %70 تىن ئاشتى
      ·بالىلارنى ‹‹ئوقۇش ئەسقاتمايدۇ›› دېگەن سەپسەتە بىلەن قايمۇقتۇرۇشقا يول قويمايلى
      ·شىنجاڭدا 2014-يىللىق تولۇق كۇرس 1-تۈركۈمگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئارخىبى چىقىرىش 17-ئىيۇلدا رەسمىي ب…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئۆلكە ئاتلاپ ئۆرلەپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش تەۋەلىكىنى باشقۇرۇش توغرىس…
      ·ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سوۋغات بۇيۇم ۋە سوۋغات پۇل قوبۇل قىلىشىغا ئالتە «قىزىل سىزىق» بەلگىلەندى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىكى: ئىمتىھانغا ئادەم سېلىش جىنايىتىگە چېتىلغانلارنى ئەدىلىيە ئورگانلىرىغا يوللاشق…
      ·مائارىپ نازارىتىنىڭ رەھبەرلىرى كۇچا ناھىيەسىنىڭ « قوش تىل» ئوقۇتۇش خىزمىتىنى تەكشۈردى(1)