باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

مېھىر ۋە ئارمان ئىلگىرىلەش يولىمىزنى يورۇتتى ــــ جۇڭگونى تەسىرلەندۈرگەن شىنجاڭلىقلار(4)

2014.07.25 10:30   مەنبە: خەلق تورى

مېھىر ۋە ئارمان ئىلگىرىلەش يولىمىزنى يورۇتتى ــــ جۇڭگونى تەسىرلەندۈرگەن شىنجاڭلىقلار(4)

  2013-يىل: «بىر ئادەملىك مارافون» ئابلىز مەمەتنىياز (مۇكاپاتقا ئېرىشتى)

  ئاددىي خەلق قەھرىمانى، تىز پۈكمەس مېيىپ باتۇر، مېھىر ـ شەپقىتىنى تىل بىلەن ئىپادىلىگۈسىز ساخاۋەتچى، ساداقەتمەن ئارمىيە قوغدىغۇچى خوجايىن، 40 ياشلىق ئابلىز مەمەتنىيازنىڭ نۇرغۇنلىغان «ئۇنۋان»لىرى بار. 22 يىللىق «ئادەم قۇتقۇزۇش تارىخى» بۇ خەلق ئىچىدىن چىققان ئاددىي قەھرىماننى كۆپچىلىكنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان قىلدى، ئۇ ئۆز ھاياتى بىلەن ھېسابلاشماي ئادەم قۇتقۇزۇپ، جەسۇرلار قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ، ئۆزىنىڭ ھاياتى ئارقىلىق مۇھەببەت «رىۋايىتى» يېزىپ چىقتى. ئۇنىڭ بىلەن بىر مەزگىل ئۇچراشقاندىن كېيىن بۇ ئۇيغۇر ئاكىمىزنىڭ «رىۋايەت» ئەمەسلىكىنى، ئۇنىڭ تۇرمۇشتىكى چىقىشقاق، خۇشخۇي، ئاقكۆڭۈل، ساددا، ئۈمىدۋار ۋە تارتىنچاق كەلگەن ھەقىقىي «جۇڭگولۇق ياخشى كىشى» ئىكەنلىكىنى بىلىسز.

  «ياخشى كىشىلەر يېنىمىزدىلا» ـــ «جۇڭگو تور ئىشلىرى ـــ تەسىرلىك 2013-يىل» يىللىق تور شەخسلىرىنى مۇكاپاتلاش كېچىلىكى 9-يانۋار بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. خوتەن دىيارىدىن ئابلىز مەمەتنىياز «جۇڭگو تور ئىشلىرى ـــ تەسىرلىك 2013-يىل» يىللىق تور شەخسلىرىنىڭ بىرى بولۇپ باھالاندى.

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 【7】 【8】 【9】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى 9-ئايدا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشى ئۆستۈرۈلىدۇ، دېگەن خەۋەرنى ئىنكار قىلدى
      ·«يېڭى يېپەك يولى»نىڭ باشلامچىلىرى ـــ تاجىكىستاندىكى جۇڭگولۇق سودىگەرلەر
      ·يېڭى مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇنجى ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى %70 تىن ئاشتى
      ·بالىلارنى ‹‹ئوقۇش ئەسقاتمايدۇ›› دېگەن سەپسەتە بىلەن قايمۇقتۇرۇشقا يول قويمايلى
      ·شىنجاڭدا 2014-يىللىق تولۇق كۇرس 1-تۈركۈمگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئارخىبى چىقىرىش 17-ئىيۇلدا رەسمىي ب…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئۆلكە ئاتلاپ ئۆرلەپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش تەۋەلىكىنى باشقۇرۇش توغرىس…
      ·ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سوۋغات بۇيۇم ۋە سوۋغات پۇل قوبۇل قىلىشىغا ئالتە «قىزىل سىزىق» بەلگىلەندى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىكى: ئىمتىھانغا ئادەم سېلىش جىنايىتىگە چېتىلغانلارنى ئەدىلىيە ئورگانلىرىغا يوللاشق…
      ·مائارىپ نازارىتىنىڭ رەھبەرلىرى كۇچا ناھىيەسىنىڭ « قوش تىل» ئوقۇتۇش خىزمىتىنى تەكشۈردى(1)
      ·330 ئالىي مەكتەپ 3537 نەپەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ