باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

دېڭىز ئارمىيەسىدىكى شىنجاڭلىق يىگىت: كۆڭلى-كۆكسۈم دېڭىزدەك كەڭ بولغۇسى(1)

2014.07.25 08:31   مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

دېڭىز ئارمىيەسىدىكى شىنجاڭلىق يىگىت: كۆڭلى-كۆكسۈم دېڭىزدەك كەڭ بولغۇسى(1)

  ‹‹ چېگرا رايوندىن دېڭىز چېگراسىغا كېلىش جەريانىدا نەچچە مىڭ كىلومېتىر مېڭىشقا توغرا كەلدى . تۇنجى قېتىم پايانسىز كەتكەن دېڭىزنى كۆرگەن ۋاقىتتىكى ھاياجىنىمنى تەسۋىرلەپ بېرەلمەيمەن . ھەقىقىي ، مەردانە ئەركەكنىڭ كۆڭلى-كۆكسى ۋە نەزەر دائىرىسى دېڭىزدەك كەڭ بولۇشى كېرەك . مەن ئەترەتتە ياخشى چېنىقىپ ، چوقۇم ۋەتىنىمنىڭ سادىق جەڭچىسى بولىمەن ›› دەپ يازدى ، شىنجاڭدىن كەلگەن مۇھەممەدئەلى كۈندىلىك خاتىرىسىگە .

  مۇھەممەدئەلى ئەزەمشاھ 2013-يىلى سېنتەبىردە ھەربىي سەپكە قاتناشقان بولۇپ ، ھازىر شىمالىي دېڭىز فلوتىنىڭ مەلۇم سۇ ئاستى پاراخوت ئەترىتى قىرغاق لاۋازىملىق باشقارمىسى پورت باشقۇرۇش ئورنىنىڭ جەڭچىسى . مۇھەممەدئەلى ئەزەمشاھ ھەربىي سەپكە كىرىشتىن بۇرۇن ، شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىېتتىنىڭ بوغالتىرلىق كەسپىدە ئوقۇيتتى .

  ‹‹ھەربىي سەپكە قاتنىشىشنى قارار قىلىشىمدا دادامنىڭ تەسىرى بولدى ›› دېدى مۇھەممەدئەلى ئەزەمشاھ سەل تارتىنغان ھالدا . ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ، ئۇنىڭ دادىسى ئەزەمشاھ مۇھەممەدئىمىن ئىلگىرى بىر ھەربىي بولۇپ ، تۈز ، ئوچۇق-يورۇق مىجەزى ۋە ھەر قانداق ئىشنى قىلغان چاغدىكى ئەستايىدىللىقى ئۇنىڭغا چوڭقۇر تەسىر قىلغان .

  ـ بۇ يەرگە كېلىشتىن بۇرۇن ‹‹ دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئاق رەڭلىك خىزمەت فورمىسى ۋە دېڭىزچىلار مايكىسى بەك چىرايلىق ، ئۇنى كىيسەم چوقۇم بەك قامەتلىك بولۇپ كېتىمەن ›› دەپ ئويلايتتىم ،-دېدى ئۇ كۈلگىنىچە . بىراق ، ھەربىي سەپكە قاتنىشىش ئۇ ئويلىغاندەك ئۇنچە ‹‹ رومانتىك ›› ئەمەس ئىدى ، يېڭى ئەسكەرلەر مەشقلەندۈرۈلىدىغان ئۈچ ئايدا ئۇ يەتكۈچى قىينالدى . ئاپتاپ ئۇنىڭ تېرىسىنى كۆيدۈرۈپ ، تەر بوينىدىن قۇيۇلغاندا ، ئۇ دادىسىنىڭ نېمىشقا ئۇنى ھەربىي سەپكە قاتنىشىشقا دەۋەت قىلغانلىقىنى چۈشىنىپ يېتىشكە باشلىدى ــ قىسىمدا جاپا تارتىپ ، ئۆز ئىرادىسىنى تاۋلىغاندىلا ھەقىقىي بىر ئەركەك بولۇپ چىققىلى بولاتتى .

  ـ قىسىمدا سەپداشلىرىمدىن ئۆز ئارا ياردەم بېرىش ، كەڭ قورساقلىق ، قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش قاتارلىق پۈتۈن ھاياتىمغا تەسىر كۆرسىتىدىغان نۇرغۇن نەرسىنى ئۆگىنىۋالدىم ، -دېدى ئۇ . سەپداشلار ئۇنىڭغا ‹‹تاتىنچاق ، ئەمما ناھايىتى قىزغىن›› دەپ باھا بەردى .

【1】 【2】 【3】 
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·كورلا شەھىرىدە يازلىق تەتىل ئەھمىيەتلىك ئۆتمەكتە(1)
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى 9-ئايدا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشى ئۆستۈرۈلىدۇ، دېگەن خەۋەرنى ئىنكار قىلدى
      ·«يېڭى يېپەك يولى»نىڭ باشلامچىلىرى ـــ تاجىكىستاندىكى جۇڭگولۇق سودىگەرلەر
      ·يېڭى مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇنجى ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى %70 تىن ئاشتى
      ·بالىلارنى ‹‹ئوقۇش ئەسقاتمايدۇ›› دېگەن سەپسەتە بىلەن قايمۇقتۇرۇشقا يول قويمايلى
      ·شىنجاڭدا 2014-يىللىق تولۇق كۇرس 1-تۈركۈمگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئارخىبى چىقىرىش 17-ئىيۇلدا رەسمىي ب…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئۆلكە ئاتلاپ ئۆرلەپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش تەۋەلىكىنى باشقۇرۇش توغرىس…
      ·ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سوۋغات بۇيۇم ۋە سوۋغات پۇل قوبۇل قىلىشىغا ئالتە «قىزىل سىزىق» بەلگىلەندى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىكى: ئىمتىھانغا ئادەم سېلىش جىنايىتىگە چېتىلغانلارنى ئەدىلىيە ئورگانلىرىغا يوللاشق…
      ·مائارىپ نازارىتىنىڭ رەھبەرلىرى كۇچا ناھىيەسىنىڭ « قوش تىل» ئوقۇتۇش خىزمىتىنى تەكشۈردى(1)