2010–يىل 14–ئاپرېل يۈشۇدا قاتتىق يەر تەۋرىگەن ئىدى ، 4 يىللىق قايتا قۇرۇشتىن كېيىن ، ئىلگىرى تاغلار گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈپ خارابىلىككە ئايلانغان ئاپەت رايونى يېڭى تۈسكە كىردى . تاغ ئۈستىدە تۇرۇپ پەسكە قارىغاندا زاڭزۇ ئۇسلۇبىدا سېلىنغان يېڭى بىنالار ھەيۋەد بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى ، ئاممىنىڭ تۇرمۇشى ، تۇرالغۇ مۇھىتى ھەمدە قاتنىشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە زور دەرىجىدە ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى .