خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مالايسىيا ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ MH17 بەلگىلىك ئايروپلانى ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنگە بەش كۈندىن ئاشقاندا، ئايروپلاننىڭ ۋەقەگە ئۇچراش ئىشىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىدە مەلۇم ئىلگىرىلەشلەر بولدى. ئۇكرائىنادىكى ئەلئىچى قوراللىق كۈچلەر 22-ئىيۇل سەھەردە ۋەقە چىققان ئايروپلاننىڭ قارا قۇتىسىنى مالايسىيا تەرەپكە تاپشۇرۇپ بەردى، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى 21-ئىيۇل قارار ماقۇللاپ تەرەپلەرنى ۋەقەنى تەكشۈرۈشكە تولۇق ماسلىشىشقا دەۋەت قىلدى، ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى ۋە ئەلئىچىدىكى قوراللىقلارمۇ ئايروپلان چۈشۈپ كەتكەن جاي ئەتراپىدا كىچىك كۆلەملىك ئۇرۇش توختىتىشقا قوشۇلۇپ، ۋەقەنى ئوڭۇشلۇق تەكشۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلدى.
نۆۋەتتە قازا قىلغانلارنىڭ جەسىتى ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى كونتروللۇقىدىكى رايونغا ئاپىرىلغان بولۇپ، گوللاندىيەگە يۆتكىلىش ئالدىدا تۇرماقتا.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى