14-ئىيۇل ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، گېرمانىيە كوماندىسى گوتزىنىڭ كىرگۈزگەن بىر توپى بىلەن ئارگېنتىنا كوماندىسىنى يېڭىپ، 4-قېتىم كۈچتىنگىرلەر لوڭقىسىغا ئېرىشتى. مۇسابىقە ئاياقلاشقاندىن كېيىن، مۇكاپاتلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى، لىئونېل مېسسى مەيۈسلەنگەن ھالدا ئالتۇن توپ مۇكاپاتىنى تاپشۇرۇۋالدى، كولۇمبىيەلىك 22 ياشلىق يېڭى چولپان جەيمىس رودرىگېس بۇ قېتىمقى دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىلىرىدە جەمئىي 6 توپ كىرگۈزۈپ، ئالتۇن ئۆتۈك مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.