14-ئىيۇل سەھەر سائەت ئۈچتە، 2014-يىللىق برازىلىيە دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى رېئودى-ژانېيرودىكى دۇنياغا مەشھۇر مالاكانا پۇتبول سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى، ئارگېنتىنا بىلەن گېرمانىيە 90 مىنۇتلۇق مۇسابىقىدە بىرمۇ توپ كىرگۈزەلمىدى، ۋاقىت قوشۇلغاندىن كېيىن، 113 مىنۇت بولغاندا گوتزى بىر توپ كىرگۈزۈپ، گېرمانىيە ئارگېنتىنانى يېڭىپ، 4-قېتىم دۇنيا چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈردى. دۇنيا لوڭقىسى تارىخىدا برازىلىيە 5 قېتىم، ئىتالىيە 4 قېتىم، گېرمانىيە ئۈچ قېتىم چېمپىيون بولغان، گېرمانىيە بۇ قېتىم چېمپىيون بولۇپ، ئىتالىيە بىلەن تەڭلەشتى ھەمدە ئامېرىكا قىتئەسىدە چېمپىيون بولغان تۇنجى ياۋروپا كوماندىسى بولۇپ قالدى.