14-ئىيۇل سائەت 16:00 دە ، جۇڭگو تۆمۈريول تونېلى ئىدارىسى يۈننەن ئۆلكىسى فۇنىڭ ناھىيە بەنلۇن يېزىسى تەۋەلىكىدە ياساۋاتقان يۈننەن-گۇاڭشى تۆمۈريولى فۇنىڭ 1-نومۇرلۇق تونېلىنىڭ DK341+637M بۆلىكى گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈپ ، مەشغۇلات قىلىۋاتقان 15 ئادەم قاپسىلىپ قالغان . شۇ كۈنى سائەت 14:23 كىچە ، يەرلىكتىن 400 دىن ئارتۇق ئادەم قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە قاتناشقان .