باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

رىئال تۇرمۇش تېمىسىدىكى ئەسەرلەرنى كۆپرەك يېزىپ، دەۋر روھىنى نامايەن قىلايلى(2)

2014.07.18 16:21   مەنبە: خەلق تورى

رىئال تۇرمۇش تېمىسىدىكى ئەسەرلەرنى كۆپرەك يېزىپ، دەۋر روھىنى نامايەن قىلايلى(2)


  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  ئۈرۈمچى خەۋىرى/ شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد ئىدرىسى: 14 – ئىيۇن ئازاد سۇلتان، ئەخەت تۇردى، ياسىنجان سادىق چوغلان قاتارلىق 40 قا يېقىن داڭلىق يازغۇچى، شائىر شىنجاڭ خەلق باش نەشرىياتىدا جەم بولۇپ «رېئال تۇرمۇش تېمىسىدىكى ئەسەرلەرنى كۆپرەك يېزىپ، دەۋر روھىنى نامايەن قىلايلى!» دېيىشتى. شۇ كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، شىنجاڭ خەلق باش نەشرىياتى بىرلىكتە تەشكىللىگەن رېئال تۇرمۇش تېمىسىدىكى ئەسەرلەر ئىجادىيىتى سۆھبەت يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ جاي- جايلىرىدىن كەلگەن 60 تىن ئارتۇق يازغۇچى، شائىر ۋە نەشرىيات خادىملىرى يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا يازغۇچى، شائىرلار نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئاساسىي مېلودىيە ياڭرىتىلغان مۇنەۋۋەر رېئال تۇرمۇش تېمىسىدىكى ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىش ئاكتىپ ئىنېرتسىيەنى تەشۋىق قىلىش، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، بۆلگۈنچىلىك ئىدىيىسىنىڭ سىڭىپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپلا قالماستىن ئۇ يەنە شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى خىزمىتىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ، دەپ قارىدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئازاد سۇلتان مۇنداق دېدى: نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت يازغۇچىلىرىمىزدىن رېئال تۇرمۇش تېمىسىدىكى ئەسەرلەرنى كۆپرەك ئىجاد قىلىشنى جىددىي تەلەپ قىلماقتا. يازغۇچىلىرىمىز قانداق تېمىنىڭ مۇھىملىقىنى، قانداق يازسا بولىدىغانلىقىنى، نېمىنى يېزىشنى، قانداق ئەسەرنىڭ ياخشىلىقىنى، مەسىلىلەرنى قانداق ئەكىس ئەتتۈرۈشنىڭ مۇھىملىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلىشى، يېتەكلەش خاراكتېرىلىق تېمىلارنى يورۇتۇشى كېرەك.

  شىنجاڭ خەلق باش نەشرىياتى پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، نەشرىيات باشلىقى ئابدۇراخمان ئەبەي مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى يىغىنىمىزنىڭ ئاساسىي مەقسىدى يازغۇچىلىرىمىزنى رېئال تۇرمۇش، ھازىرقى دەۋر، ھازىرقى ئادەملەر ھەققىدە ئەسەر يېزىشقا رىغبەتلەشدۈرۈش. چۈنكى ئەدەبىيات يازغۇچى مېڭىسىدىكى تۇرمۇشنىڭ ئەكىس ئېتىشىدۇر. يازغۇچىلىرىمىز خەلقىمىزگە ھازىرقى ئادەملەرنى، ئىشلارنى، تەرەققىياتنى، بەخت – سائادەتنى، ئىلغار ئىدىيە ۋە مەدەنىيەتنى تەشۋىق قىلىشى كېرەك. كىشىلەرنى ئەسەرلىرى ئارقىلىق ئىلھاملاندۇرۇشى كېرەك. شۇڭا بىز بۇ ھەقتىكى بىر يۈرۈش ئەسەرلەرنى ئۇيۇشتۇرۇش يۈزىسىدىن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن 30 ياشتىن 50 ياشقىچە بولغان، كىتاپخانلار ئەسەرلىرىنى سۆيۈپ ئوقۇيدىغان، ھۈرمەتلەيدىغان شۇنداقلا ئۈچ – تۆتتىن كىتابى نەشىر قىلىنغان يازغۇچىلارنى تەكلىپ قىلىپ، بۇ يەردە بىر سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈۋاتىمىز. بىز بۇ يىغىندا ئالدى بىلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن كېيىنكى ئەدەبىيات- سەنئەت خىزمىتىگە بولغان تەلەپ، ۋەزىپىلەرنى، يازغۇچىلارنىڭ مەجبۇرىيەتلىرىنى ئۇلارغا چۈشەندۈرمەكچىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە بۇ قېتىمقى يىغىندا ئۇلارنى بىر قېتىملىق ئەدەبىيات نەزەرىيەسى بىلەن تەربىيەلىمەكچىمىز. ئاخىردا بۇ يازغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ مۇشۇ يېقىندا يازماقچى بولغان ھازىرقى رېئال تۇرمۇش ھەققىدىكى خەلق تۇرمۇشى، جەمئىيەت تەرەققىياتى، مەدەنىيەت – مائارىپ ساھەسىدىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئىلغار شەخسلەر ھەققىدە يازىدىغان ئەسەرلىرىنى تونۇشتۇرىدۇ. ئاندىن مەزمۇنى، ژانېرى، ئەسەرنىڭ تاپشۇرۇلۇش ۋاقتىنى بىزگە يەتكۈزىدۇ. بىز ئۇلار بىلەن رەسمىي توختام تۈزۈپ، ئالدىن قەلەم ھەققى بېرىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ ئەسەرلەرنى يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن تاپشۇرۇپ ئېلىپ، يېڭى يىلغىچە 40 دىن 50 گىچە ئەسەرنى كىتاپ قىلىپ نەشىر قىلىمىز. ئاندىن بۇ ئەسەرلەرنى «شەرق شامىلى قۇرۇلۇشى»، «دېھقانلار قىرائەتخانىسى قۇرۇلۇشى»، «مەكتەب كۈتۈپخانىسى» غا يەتكۈزىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە ياخشى ئەسەرلەرنى تاللاپ خەنزۇ تىلى ۋە چەت ئەل تىلىغا تەرجىمە قىلىمىز، ئەڭ نادىرلىرىنى مۇكاپاتلايمىز. بۇ ئارقىلىق يازغۇچىلارنى تېخىمۇ ئىلھاملاندۇرۇپ، ھازىرقى جەمئىيەتكە تېخىمۇ ماسلىشىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەتلىرىگە يېقىندىن ماسلىشىپ، تېخىمۇ ياخشى، كۆپ ئەسەرلەرنى يېزىشقا ئىلھاملاندۇرىمىز.

  تۇرپان ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتى رەئىسى، «تۇرپان» ژورنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى ئۆمەرجان سىدىق مۇنداق دېدى: رېئال تۇرمۇش تېمىسىدىكى ئەسەرلەرنى يېزىش نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە ناھايىتى مۇھىم ۋە زۆرۈر تېما. ئەدەبىيات دەۋر روھىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ، ئەدەبىياتنىڭ تېگى – تەكتىنى ئېيتقاندا ئادەمنى تەربىيىلەيدۇ ۋە ئەكىس ئەتتۈرىدۇ. يازغۇچى بىر مىللەتنىڭ ۋە بىر دەۋرنىڭ غۇرۇرى، ۋىجدانى ۋە تومۇرى. شۇڭا يازغۇچى رېئال تۇرمۇشنى ئەكىس ئەتتۈرۈشى، رېئال دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ مېڭىشى كېرەك. يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيان مىللىتىمىزدە مەنىۋىي جەھەتتىن نۇرغۇن گاڭگىراشلار بولۇۋاتىدۇ، بۇ مەسىلە چوقۇم يازغۇچىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىشى، يازغۇچىلار مۇشۇ ھەقتە كۆپرەك ئىزدىنىشى، ئاساسىي تېمىنى ئەكىس ئەتتۈرۈشى كېرەك. مىللىتىمىزنىڭ ئىچىدە نۇرغۇن گۈزەل ئەنئەنىلەر بار، بىز بۇلارنى جارى قىلدۇرۇش ئارقىلىق، خەلقىمىزنى ئەخلاق جەھەتتىن، ئىجتىمائىي رېئاللىق جەھەتتىن ياخشى تەرەپكە قاراپ يۈزلەندۈرەلەيمىز.

  يازغۇچى ياسىنجان سادىق چوغلان مۇنداق دېدى: مېنىڭچە بۇ قېتىمقى يىغىن بالدۇرراق ئېچىلىشى كېرەك ئىدى، شىنجاڭدىكى ۋەكىللىك يازغۇچىلارنى بىريەرگە جەم قىلىپ تەربىيەلەش بۇندىن كېيىنكى ئىجادىيەتتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. نەشرىياتنىڭ ئۇيغۇر يازغۇچىلار بىلەن ئەسەر زاكاز قىلىپ، توختام تۈزۈشى شىنجاڭدا تېخى تۇنجى قېتىملىق ئىش. يېقىندىن بۇيان رېئال تۇرمۇش ھەققىدە ئەسەر يېزىش ھەققىدە كۆپ ئويلىنىش ئارقىلىق ئۇيغۇر باغۋەنچىلىك مەدەنىيىتى ھەققىدە يېزىلىدىغان «قۇمۇشلۇق دالا» ناملىق ئەسىرىمنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈش ئالدىدا تۇرۇپتىمەن.

  ياش يازغۇچى زۆھرەگۈل ئابدۇۋاھىد مۇنداق دېدى: مېنىڭ يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىنىمغا 23 يىلدىن ئاشتى، مېنىڭ تۇنجى قېتىم بۇنداق پائالىيەتكە قاتنىشىشىم. 2000 – يىللاردىن كېيىن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى يۈكسەك گۈللىنىش باسقۇچىغا كىردى. نۇرغۇن رومان، پوۋېست، ھېكايە توپلاملىرى نەشىر قىلىندى. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە يازغۇچىنىڭ ھۈرمىتى تېخىمۇ ئاشتى، ئىلگىرى يازغۇچىلار ئەسەر يازغاندا قايسى نەشرىياتقا بېرىش، ئەسىرىنى قانداق قىلىپ ئوقۇرمەنلەرگە سۇنۇشتا قاتتىق باش قاتۇرۇشتىن ھازىر نەشرىياتلار يازغۇچىلار بىلەن توختاملىشىپ، ئەسەر زاكاز قىلىشنىڭ بارلىققا كېلىشى، يازغۇچىلارنى بۇ ھەقتىكى غەمدىن خالاس قىلىشى يازغۇچىلار ئۈچۈن زور ئىلھام بولۇپلا قالماستىن، ئاساسلىقى پارتىيە – ھۆكۈمەتنىڭ ئەدەبىيات – سەنئەت ئىشلىرىغا تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

  15–ئىيۇن چۈشتىن كېيىن شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، دائىمىي مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى مۇھەممەتجان ماھمۇت سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشقان ياسىنجان سادىق چوغلان قاتارلىق 18 يازغۇچى بىلەن ئەسەر زاكاز قىلىش توختامى ئىمزالىدى.

  ئىگىلىنىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئۇيغۇر ئاپتورلار يازغان رومان، پوۋېستلار كۆپلەپ نەشىر قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ھازىرقى دەۋر مېلودىيەسى ياڭرىتىلغان، رېئال تۇرمۇش چوڭقۇر ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن يىرىك ئەسەرلەر ناھايىتى ئاز ئىكەن. بۇ قېتىم شىنجاڭ خەلق باش نەشرىياتىنىڭ يازغۇچىلار بىلەن ئەسەر زاكاز قىلىشى ھەققىدە توختام تۈزۈشى تۇنجى قېتىملىق ئىش بولۇپ، ھەر بىر ئەسەرگە ئالدىن 10 مىڭ يۈەندىن قەلەم ھەققى بېرىلىدىكەن.

  مۇھەررىر: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·بالىلارنى ‹‹ئوقۇش ئەسقاتمايدۇ›› دېگەن سەپسەتە بىلەن قايمۇقتۇرۇشقا يول قويمايلى
      ·شىنجاڭدا 2014-يىللىق تولۇق كۇرس 1-تۈركۈمگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئارخىبى چىقىرىش 17-ئىيۇلدا رەسمىي ب…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئۆلكە ئاتلاپ ئۆرلەپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش تەۋەلىكىنى باشقۇرۇش توغرىس…
      ·ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سوۋغات بۇيۇم ۋە سوۋغات پۇل قوبۇل قىلىشىغا ئالتە «قىزىل سىزىق» بەلگىلەندى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىكى: ئىمتىھانغا ئادەم سېلىش جىنايىتىگە چېتىلغانلارنى ئەدىلىيە ئورگانلىرىغا يوللاشق…
      ·مائارىپ نازارىتىنىڭ رەھبەرلىرى كۇچا ناھىيەسىنىڭ « قوش تىل» ئوقۇتۇش خىزمىتىنى تەكشۈردى(1)
      ·330 ئالىي مەكتەپ 3537 نەپەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ
      ·چەرچەن ناھىيەلىك مەدەنىيەت يۇرتى تەتىللىك ھەقسىز كۇرس ئاچتى(1)
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا نومۇر قوشۇش سىياسىتىنى تەرتىپكە سالىدۇ، ئارتۇقچىلىقى …
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا قالايمىقان نومۇر قوشۇشقا چېتىشلىق خادىملارغا «قىلچە …