باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

يۈ جېڭشېڭ تەيۋەن ئەل رايى ۋەكىللىرى ئالماشتۇرۇش، ئېكسكۇرسىيە ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى(2)

2014.07.18 15:15   مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

يۈ جېڭشېڭ تەيۋەن ئەل رايى ۋەكىللىرى ئالماشتۇرۇش، ئېكسكۇرسىيە ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى(2)

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ 17-ئىيۇل بېيجىڭدا راۋ يىڭچى باشچىلىقىدىكى تەيۋەن ئەل رايى ۋەكىللىرى ئالماشتۇرۇش ، ئېكسكۇرسىيە ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى

  شىنخۇا تورى ، بېيجىڭ ، 17-ئىيۇل تېلېگراممىسى : جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ 17-ئىيۇل بېيجىڭدا راۋ يىڭچى باشچىلىقىدىكى تەيۋەن ئەل رايى ۋەكىللىرى ئالماشتۇرۇش ، ئېكسكۇرسىيە ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى .

  يۈ جېڭشېڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى : مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى بىلەن تەيۋەن ئەل رايى ۋەكىللىرى بەش نۆۋەت ئۆزئارا زىيارەت ۋە 10 قېتىم باش تېمىلىق سۆھبەت ئارقىلىق ، سەمىمىي ، دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى بەرپا قىلدى ، بۇ ئىككى قىرغاقنىڭ ھەرقايسى جەھەتلەردىكى چۈشىنىش ۋە ئۆزئارا ئىشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ، تىنچ تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملەش ، بىر جۇڭگو رامكىسى ئاستىدىكى ئورتاق تونۇشنى قوغداش ، ئىككى قىرغاقنىڭ ئەل رايى ئەقىل ئامبىرىنى مۇجەسسەملەشتە ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇردى .

  يۈ جېڭشېڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى : ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىيات ۋەزىيىتى ئاسان قولغا كەلمىگەن ، ئۇنى ھەسسىلەپ قەدىرلەش كېرەك . ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىيات يولى ئەگرى توقاي ، ئۇنىڭغا ئەستايدىل مۇئامىلە قىلىش كېرەك . ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىيات ئىستىقبالى زور ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ . ئىككى قىرغاقتىكى جۇڭگولۇقلارنىڭ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش ئەقىل-پاراسىتى ۋە ئىقتىدارى بار، تىنچ تەرەققىيات مۇساپىسىنى ئۆزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك . مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزالىرى بىلەن تەيۋەننىڭ خەلق رايى ۋەكىللىرىنىڭ مېخانىزملاشقان ئالماشتۇرۇش سەھنىسىنىڭ ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدا رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ ، تېخىمۇ كۆپ ئىككى قىرغاق قېرىنداشلىرىنى ، بولۇپمۇ تەيۋەندىكى ئاساسىي قاتلام ئاممىسى بىلەن ياش ئەۋلادلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ، ئالاقە ۋە ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ ، چۈشىنىش ۋە ئىشەنچىنى ئاشۇرۇپ ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى›› ئۈچۈن بىرلىكتە تىرىشىپ كۈرەش قىلىشنى ئۈمىد قىلىمىز .

【1】 【2】 
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·بالىلارنى ‹‹ئوقۇش ئەسقاتمايدۇ›› دېگەن سەپسەتە بىلەن قايمۇقتۇرۇشقا يول قويمايلى
      ·شىنجاڭدا 2014-يىللىق تولۇق كۇرس 1-تۈركۈمگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئارخىبى چىقىرىش 17-ئىيۇلدا رەسمىي ب…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئۆلكە ئاتلاپ ئۆرلەپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش تەۋەلىكىنى باشقۇرۇش توغرىس…
      ·ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سوۋغات بۇيۇم ۋە سوۋغات پۇل قوبۇل قىلىشىغا ئالتە «قىزىل سىزىق» بەلگىلەندى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىكى: ئىمتىھانغا ئادەم سېلىش جىنايىتىگە چېتىلغانلارنى ئەدىلىيە ئورگانلىرىغا يوللاشق…
      ·مائارىپ نازارىتىنىڭ رەھبەرلىرى كۇچا ناھىيەسىنىڭ « قوش تىل» ئوقۇتۇش خىزمىتىنى تەكشۈردى(1)
      ·330 ئالىي مەكتەپ 3537 نەپەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ
      ·چەرچەن ناھىيەلىك مەدەنىيەت يۇرتى تەتىللىك ھەقسىز كۇرس ئاچتى(1)
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا نومۇر قوشۇش سىياسىتىنى تەرتىپكە سالىدۇ، ئارتۇقچىلىقى …
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا قالايمىقان نومۇر قوشۇشقا چېتىشلىق خادىملارغا «قىلچە …