جۇڭگو كوممۇنسىتىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ليۇ يۈنشەن 16-ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ ‹‹خەلق›› سارىيىدا ياپونىيە دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ باشلىقى كەيئېدا بانلى باشچىلىقىدىكى ياپونىيە دېموكراتلار پارتىيەسى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى
شىنخۇا تورى، بېيجىڭ، 16-ئىيۇل تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنسىتىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ليۇ يۈنشەن 16-ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ ‹‹خەلق›› سارىيىدا ياپونىيە دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ باشلىقى كەيئېدا بانلى باشچىلىقىدىكى ياپونىيە دېموكراتلار پارتىيەسى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى.
ليۇ يۈنشەن مۇنداق دېدى: جۇڭگو تەرەپ تارىختىن بۇيان جۇڭگو-ياپونىيە تۆت سىياسىي ھۆججەت ئاساسىدا، تارىخنى ئەينەك قىلىش، كەلگۈسىگە يۈزلىنىش روھى بويىچە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىپ كەلدى. نۆۋەتتە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى دۇچ كەلگەن ۋەزىيەت جۇڭگو-ياپونىيە ئىككى دۆلەت خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. مەن ياپونىيە تەرەپنىڭ تارىخىي ساۋاقلارنى چوڭقۇر قوبۇل قىلىپ، دەۋر ئېقىمىغا ماسلىشىپ، تىنچ تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى دېموكراتلار پارتىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ياپونىيەدىكى ھۆكۈمەت ۋە غەيرىي ھۆكۈمەت تەرەپ پارتىيەلىرى بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئورتاق تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو-ياپونىيە مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
كەيئېدا بانلى مۇنداق دېدى: ياپونىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا مەنپەئەتلىنىدىغان مۇناسىۋەت. نۆۋەتتە، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى قىيىن باسقۇچتا تۇرماقتا. ياپونىيە دېموكراتلار پارتىيەسى سەمىمىي سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق، ئىككى تەرەپ سىياسىي پارتىيەلىرى، ياشلىرى ئارىسىدىكى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە ساقلانغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى خالايدۇ.