دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 16-ئىيۇل بىرازىلىيەدە، بىرازىلىيە كېڭەش پالاتاسىنىڭ باشلىقى كالخېيروس (ئالدى تەرەپ ئوڭدا) ۋە ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى ئالۋىس (ئالدى تەرەپ سولدا) بىلەن كۆرۈشتى
شىنخۇا تورى، بىرازىلىيە، 16-ئىيۇل تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 16-ئىيۇل بىرازىلىيەدە، بىرازىلىيە كېڭەش پالاتاسىنىڭ باشلىقى كالخېيروس ۋە ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى ئالۋىس بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ بىرازىلىيە پارلامېنت بىناسىغا يېتىپ بارغاندا، بىرازىلىيە كېڭەش پالاتاسىنىڭ 1-كاتىپى رىبېيرو بىلەن ئاۋام پالاتاسىنىڭ 1-مۇئاۋىن باشلىقى سىناگېل قاتارلىقلار كۈتۈۋالدى، شى جىنپىڭ قىزىل پاياندازدا پارلامېنت بىناسىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا قاراپ ماڭدى، ھۆرمەت قاراۋۇللىرى ئىككى چەتتە تۇرۇپ شى جىنپىڭغا ھۆرمەت بىلدۈردى. شى جىنپىڭ بىرازىلىيە كېڭەش پالاتاسىنىڭ باشلىقى كالخېيروس ۋە ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى ئالۋىسنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا مۇيەسسەر بولدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو-بىرازىلىيە مۇناسىۋىتى تازا قىرانىغا يەتكەندە، بىرازىلىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغانلىقىمدىن تولىمۇ خۇشالمەن. جۇڭگو-بىرازىلىيە مۇناسىۋىتى ئالدىنقى ئىشلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكى ئىشلارغا يول ئاچىدىغان، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئاچىدىغان مۇھىم تەرەققىيات باسقۇچىدا تۇرماقتا. چوڭقۇر، مۇرەككەپ خەلقئارا سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋەزىيەتكە يۈزلىنىشتە، جۇڭگو-بىرازىلىيە تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەتلەر، شۇنداقلا دۇنيادىكى 2-ۋە 7-چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنىڭ مۇقەررەر ئىستىقبالى بار.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: قانۇن تۇرغۇزۇش ئورگانلىرىنىڭ ھەمكارلىقى جۇڭگو-بىرازىلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، مەن ئىككى تەرەپنىڭ ئالاقىنى كۈچەيتىپ، قانۇن تۇرغۇزۇش، نازارەت قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆزئارا ئالماشتۇرۇپ، ئۆزئارا چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دوستانە ھەمكارلىققا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.ھەرقايسى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ جۇڭگو-بىرازىلىيە دوستلۇق بىناسىنىڭ ئۇلىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
شى جىنپىڭ يەنە كالخېيروس ۋە ئالۋىسلارنىڭ ھەمراھلىقىدا، جۇڭگو-بىرازىلىيە دوستلۇقىنىڭ 40 يىللىقى سۈرەتلەر كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.