دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 15-ئىيۇل بىرازىلىيەگە يېتىپ بېرىپ، بىرازىلىيەدە ئېلىپ بارىدىغان دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى. بىرازىلىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئايرۇدۇرۇمغا چىقىپ كۈتۈۋالدى
شىنخۇا تورى ، بىرازىلىيە ، 15-ئىيۇل تېلېگراممىسى : دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 15-ئىيۇل بىرازىلىيەگە يېتىپ بېرىپ ، بىرازىلىيەدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى ھەمدە جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسى-كارب دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىدۇ .
شۇ يەر ۋاقتى كەچ سائەت 8:40 تا ، شى جىنپىڭ ئولتۇرغان مەخسۇس ئايروپىلان بىرازىلىيە ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا يېتىپ كەلدى ، بىرازىلىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئايرودۇرۇمغا چىقىپ كۈتۈۋالدى .
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى : بۇ يىل جۇڭگو-بىرازىلىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقى ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ نەتىجىلىرى مول بولدى ، ئىككى تەرەپ يېقىندىن ھەمكارلىشىپ ، بىرلىكتە تەرەققىي قىلدى . مەن بىرازىلىيە رەھبەرلىرى ۋە ھەر ساھە ئەربابلىرى بىلەن كەڭ دائىرىدە پىكىر ئالماشتۇرۇپ ، ئورتاق تەرەققىياتنى كۆزلەپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، جۇڭگو بىلەن بىرازىلىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشقا ئىنتىزارمەن .
شى جىنپىڭ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى : جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرىنىڭ ھەممىسى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ، جۇڭگو باشتىن-ئاخىر ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكى ۋە يىراقنى كۆرەرلىك بىلەن جۇڭگو-لاتىن ئامېرىكىسى مۇناسىۋىتىگە مۇئامىلە قىلىدۇ . جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو-لاتىن ئامېرىكىسى رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزۈشنى تەشەببۇس قىلىشتىكى مەقسىتى شۇكى ، جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ ، جۇڭگو-لاتىن ئامېرىكىسى مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى ، زور تەرەققىياتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئورتاق تۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەت .
ۋاڭ خۇنىڭ ، لى جەنشۇ ، ياڭ جيېچى قاتارلىقلار شۇ ئايروپىلاندا بىرگە يېتىپ باردى .
شى جىنپىڭ فورتالېزادا ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 6-قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا قاتناشقاندىن كېيىن بىرازىلىيەگە باردى .