باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

‹‹لياۋنىڭ›› ناملىق ئاۋىياماتكىدىكى شىنجاڭلىق قىزلارنىڭ تۇرمۇش خاتىرىسى(1)

2014.07.16 09:47   مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

‹‹لياۋنىڭ›› ناملىق ئاۋىياماتكىدىكى شىنجاڭلىق قىزلارنىڭ تۇرمۇش خاتىرىسى(1)

  ئاۋىياماتكا دۇنيادىكى كۈچلۈك دۆلەتنىڭ بىر مۇھىم ناماياندىسى. پۈتۈن دۇنيا كۆز تىكىۋاتقان جۇڭگونىڭ تۇنجى ئاۋىياماتكىسى ‹‹لياۋنىڭ›› پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئارزۇ-ئۈمىدلىرىنى ئۆزىگە يۈكلىدى. 12-ئىيۇل، ‹‹تەڭرىتاغ ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ دېڭىز چېگراسىغا باغلانغان رىشتى ›› ئاساسىي تېمىسىدىكى زىيارەت ئۆمىكىدىكىلەر ‹‹لياۋنىڭ›› ناملىق ئاۋىياماتكىغا چىقىپ، بۇ ئاۋىياماتكىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئاز سانلىق مىللەت قىز ماتروسلارنى زىيارەت قىلدۇق. سانلىق مەلۇماتلاردىن ئايان بولۇشىچە، يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان، بۇ ئاۋىياماتكا شىنجاڭدىن ئىككى تۈركۈمدە ئۇيغۇر ، قازاق ، خۇيزۇ ۋە قىرغىز قاتارلىق مىللەتلەردىن جەمئىي 26 نەپەر قىز ئەسكەرنى قوبۇل قىلىپ ، ئاۋىياماتكىنىڭ تۆت بۆلۈمىگە تەقسىم قىلىپ ، دېڭىز قاتنىشى ۋە ئالاقە ئىشلىرى قاتارلىق يەتتە تۈرلۈك ۋەزىپىگە مەسئۇل قىلغان .

  ‹‹شىنجاڭلىق قىز ماتروسلار ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ رول باشقۇرغۇچى، رادارچى، پاراخوت ئايرۇپىلانى باشقۇرغۇچى قاتارلىق ئالاھىدە ئىش ئورنىدا چېنىققان تالانتلىق خادىملاردۇر. نۆۋەتتە ئۇلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئالدىنقى سەپتە كۈرەش قىلىۋاتىدۇ ھەمدە نەچچە قېتىملىق سىناق يولغا چىقىش ۋەزىپىسىنى تاماملىغان.›› قىسىمنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى ئەھۋالنى ئەنە شۇنداق تونۇشتۇردى.

  زۇلپىيە ھەسەن: ئۆگىنىش، چېنىقىش، تىرىشىش ئارقىلىق ئۆزۈمنى ئەڭ ياخشى تەرەققىي قىلدۇرىمەن

  ئالاقىچى زۇلپىيە ھەسەن تۇرپاندىن كەلگەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: ئائىلەمدە بىر نەچچە نەۋرە ئاكام، نەۋرە ئاچامنىڭ ھەممىسى ئەسكەر بولغان، ئۇلارنىڭ ئەسكەر بولغانلىقىنى كۆرۈپ مېنىڭمۇ ئەسكەر بولۇپ، ئۆزۈمنى چېنىقتۇرغۇم كېلەتتى. يېڭىلا ئەترەتكە كىرگىنىمدە بۇ يەرنىڭ تۇرمۇشىغا ماسلىشىپ كېتەلمىگەنىدىم، ئەمما قىسىمغا كەلگەندىن كېيىن ئىنتايىن ماسلىشىپ كەتتىم، مۇستەقىللىقىم بارغانسېرى كۈچەيدى.

  ئۇ ئەترەتكە كىرىشتىن بۇرۇن پاراخوتقا ئولتۇرۇپ باقمىغان بولۇپ، پاراخوتقا ئولتۇرۇپ دېڭىزنى ئايلىنىش ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر چۈش ئىدى، خالاس. ئۇ مۇنداق دەيدۇ؛ 2013-يىلى 8-ئايدا ئاۋىياماتكىغا چىقتۇق، سۈرئىتى تولىمۇ تېز بولغاچقا بېشىم قېيىشقا باشلىدى. مەن كېيىنمۇ مۇشۇنداق بولۇۋەرسە، قانداقمۇ قىلارمەن، دەپ ئويلىدىم. بۇ چاغدا سېمىنا باشلىقىمىز مۇنداق دېدى: بېشىڭىز قايغان بولسا قېيىۋەرسۇن، قۇسقىڭىز كەلسە قۇسۇۋېرىڭ، قۇسۇپ بولۇپ تاماق يەڭ، يەنە قۇسسىڭىز يەنە يەڭ، كېيىنچە بېشىڭىز قايمايدىغان بولىدۇ، ئەڭ ياخشىسى ئولتۇرۇۋالماي، ئۇياق-بۇياققا مېڭىپ بېرىڭ.

  سېمىنا باشلىقىنىڭ دېگىنى توغرا ئىدى، 2-قېتىم بېشىم قايمىدى، بىزنىڭ ئاۋىياماتكا دېڭىزدا ياكى قۇرۇقلۇقتا بولسۇن ماسلىشىپلا كەتتۇق.

  ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: مەن بىر ياش، مەن ئۆزۈمنىڭ مىللىي ئۆرپ-ئادىتىنى ساقلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېڭى شەيئىلەرنى قوبۇل قىلىشىم، ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىشىم كېرەك. بېكىنمىچىلىك قىلماي، باشقىلارغا تايىنىۋالماي، يېڭى نەرسىلەرنى قوبۇل قىلىشىم، ئۆزۈمنى تولۇقلىشىم، تېخىمۇ مۇھىم ئۆزۈمگە ئىشىنىشىم كېرەك.

  ماھىدە بەختىيار: قەلبىمدىكى ئارمىيەگە قاتنىشىش ئارزۇيۇمغا يېتىمەن.

  2012-يىلىنىڭ دەسلىپىدە نەنخەي دېڭىزى فىلوتى تەربىيەلەش بازىسىدا تۇنجى قېتىم ئاۋىياماتكىغا چىققان ئۇيغۇر قىز ماتروسلار يۈزتۇرانە ئىمتىھان بېرىۋاتاتتى. ‹‹ئاۋىياماتكىغا چىقىش ئىنتايىن جاپالىق، بەرداشلىق بېرەلەمسىز؟›› يۈزتۇرانە ئىمتىھاننىڭ ئەسكەر تاللاش كادىرى شۇنداق سوئال سوراۋاتتى، ئۇيغۇر قىز ماتروسى ماھىدە بەختىيار قەتئىيلىك بىلەن ‹‹مەن قورقمايمەن، پۇشايمەن قىلمايمەن›› دەپ جاۋاب بەردى.

  ماھىدە بەختىيار بازىدىكى نەمۇنىلىك ئەسكەر بولۇپ، ئەترەتكە كىرىشتىن ئىلگىرى شىنجاڭ ئوت ئۆچۈرۈش مەدەنىيەت-سەنئەت ئۆمىكىدە ئەدەبىيات-سەنئەت ئەسكىرى بولغان، ئەمما ئۇ ھەربىي خىزمەت ئۆتەۋاتقان خادىم بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا ئىزچىل ھالدا ھەقىقىي بر ھەربىي بولۇشنى ئارزۇ قىلاتتى. بىر قېتىملىق تېپىلغۇسىز پۇرسەتتە، ئۇنىڭ ئارزۇسى ئەمەلگە ئېشىپ، دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قىز ماتروسى بولۇپ قالدى.

  ئاۋىياماتكا قىسمىدىن بازىدا تەربىيەلەشكە ئەدەم قوبۇل قىلىدىغاندا، ئۇ ئىككىلەنمەيلا تىزىملاتتى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: ‹‹دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ھەربىيسى بولۇپ، ئاۋىياماتكىغا چىقىش جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ تەلپۈنىدىغان ئارزۇسى، مەن بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇشۇم كېرەك.››

  ماھىدە بەختىيارنىڭ سېمىنا باشلىقى لى مىن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بىز مەشقتە، خىزمەتتە مىللەت ئايرىمايمىز، ئەسكەرلەرنىڭ ھەممىسىگە تەڭ كۆزدە قارايمىز. مەسىلەن: بۈگۈنكى مەشقنىڭ مەزمۇنى، پەن تۈرى، يەتمەكچى بولغان نىشاننى مىسال ئالساق، تەلەپ ھەممەيلەنگە ئوخشاش. ئەگەر نىشانغا يېتەلمىسە، كېيىن مەخسۇس ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇپ مەشق تولۇقلاپ، ئۇلارنىڭ تېزرەك بەلگىلەنگەن سەۋىيەگە يۋتىشىۋېلىشىغا ياردەم قىلىمىز. خىزمەتتە، ئايرىم ۋەزىپە بۆلۈپ بەرسەك، ئۇنىڭغىمۇ باشقىلارغا ئوخشاش تەلەپ قويۇلىدۇ، قانداق خاتىرىلەش كېرەك بولسا، شۇنداق خاتىرىلەيدۇ، قانداق مەشغۇلات قىلىش كېرەك بولسا، شۇنداق مەشغۇلات قىلىدۇ، ئەزەلدىن ئۆزىنى باشقىلارنىڭ ياردىمىگە ئېھتىياجلىق ئەمەس دەپ قارايدۇ.

【1】 【2】 
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئۆلكە ئاتلاپ ئۆرلەپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش تەۋەلىكىنى باشقۇرۇش توغرىس…
      ·ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سوۋغات بۇيۇم ۋە سوۋغات پۇل قوبۇل قىلىشىغا ئالتە «قىزىل سىزىق» بەلگىلەندى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىكى: ئىمتىھانغا ئادەم سېلىش جىنايىتىگە چېتىلغانلارنى ئەدىلىيە ئورگانلىرىغا يوللاشق…
      ·مائارىپ نازارىتىنىڭ رەھبەرلىرى كۇچا ناھىيەسىنىڭ « قوش تىل» ئوقۇتۇش خىزمىتىنى تەكشۈردى(1)
      ·330 ئالىي مەكتەپ 3537 نەپەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ
      ·چەرچەن ناھىيەلىك مەدەنىيەت يۇرتى تەتىللىك ھەقسىز كۇرس ئاچتى(1)
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا نومۇر قوشۇش سىياسىتىنى تەرتىپكە سالىدۇ، ئارتۇقچىلىقى …
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا قالايمىقان نومۇر قوشۇشقا چېتىشلىق خادىملارغا «قىلچە …
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپ باشلىقلىرىنى چاقىرتىپ سۆھبەتلىشىپ، ئاپتوموبىل ئىشلىتىش، چەت ئەلگە…
      ·يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى تاراتقۇ ھەمكارلىقى مۇنبىرى باشلاندى