باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

تېخىمۇ كۆپ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىمىزگە ئېلىپ، تېخىمۇ چوڭ رولىمىزنى جارى قىلدۇرايلى

بىرازىلىيە جامائەتچىلىكى ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرىنىڭ پۇل مۇئامىلە بىخەتەرلىك تورى بەرپا قىلىشىغا ئىجابىي باھا بەردى

2014.07.15 23:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 6-قېتىملىق ئۇچرىشىش يىغىنى شۇ يەر ۋاقتى 15-چېسلا بىرازىلىيەنىڭ فورتالىزا شەھىرىدە رەسمىي ئېچىلىدۇ. باشلىقلار يىغىنى رەسمىي باشلىنىشتىن بۇرۇن، ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرىنىڭ سودا-سانائەت مۇنبىرى ۋە سودا-سانائەتچىلەر كېڭىشى يىغىنى، ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىساد-سودا مىنىستىرلىرى يىغىنى، ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرىنىڭ مالىيە مىنىستىرلىرى ۋە مەركىزىي بانكا باشلىقلىرى يىغىنى 14-چېسلا ئايرىم-ئايرىم ئېچىلدى. ھەر تەرەپلەرنىڭ ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرى تەرەققىيات بانكىسى قۇرۇش ۋە جىددىي ئەھۋال زاپىسى ئورۇنلاشتۇرۇشتا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىش-قىلالماسلىقى بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئەڭ دىققەت سازاۋەر تېمىسى بولۇپ قالدى. خەلقئارا جامائەتچىلىك ئومۇميۈزلۈك ھالدا، بۇ 2-دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن بۇيان خەلقئارا پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىدا يۈز بەرگەن ئەڭ زور ئۆزگىرىش، ئۇ ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرى ۋەكىللىكىدىكى گۈللەنمە ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ كەلگۈسىدە دۇنيا پۇل مۇئامىلە تەرتىپىنى ئىدارە قىلىدىغان مۇھىم كۈچكە ئايلىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، دەپ قارىدى.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر