باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

لى كېچياڭ: ئىشەنچنى چىڭىتىپ، قىيىنچلىقنى يېڭىپ ئىلگىرىلەپ، ئىسلاھات-يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق كارخانىلارنىڭ ئىجادكارلىقى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرايلى(1)

2014.07.15 23:29   مەنبە: خەلق تورى

لى كېچياڭ:  ئىشەنچنى چىڭىتىپ، قىيىنچلىقنى يېڭىپ ئىلگىرىلەپ، ئىسلاھات-يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق كارخانىلارنىڭ ئىجادكارلىقى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرايلى(1)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: 14-چېسلا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيەت سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، بىر قىسىم مەركەز كارخانىلىرى، يەرلىكتىكى دۆلەت كارخانىلىرى ۋە پۇقراۋى كارخانىلار مەسئۇللىرىنىڭ كۆز قاراش ۋە تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىقتىسادنىڭ سىجىل، مۇقىم ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئوتتۇرا، يۇقىرى سەۋىيەگە ئاتلىنىشتا، تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا كارخانىغا تايىنىمىز. نۆۋەتتە ئىقتىسادنىڭ مۇقىم يۈرۈشىۋاتىدۇ، لېكىن نۇرغۇن خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسلارغىمۇ دۇچ كېلىۋاتىدۇ، تۆۋەنلەش بېسىمى ۋە قىيىنچىلىقلار يەنە بىر مەزگىلگىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، شۇڭا ئۇنى ئېنىق تونۇش ۋە تاقابىل تۇرۇشقا تەييارلىنىش لازىم. دۇنيا ئىقتىسادى مۇرەككەپ بولۇۋاتقان، دۇنياۋى رىقابەت كۈچى كۈنسايىن كەسكىنلىشىۋاتقان ۋەزىيەت ئالدىدا، كارخانىلار قول قوشتۇرۇپ قاراپ تۇرماستىن، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، دادىل سىناق قىلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن تىپىنى ئۆزگەرتىشى كېرەك. ھازىر بىر قىسىم كارخانىلارنىڭ ۋەزىيەتكە تاقابىل تۇرۇپ ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقى ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشنىڭ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇشتىكى تۈپ يول ئىكەنلىكىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بەردى. تۈرلۈك كارخانىلار ئىسلاھ قىلىش-يېڭىلىق يارىتىشقا كۈچ چىقىرىپ، يېڭى تېخنىكىلارنى قوللىنىپ، يېڭى كەسىپنى راۋاجلاندۇرۇپ، يېڭى كەسىپ ۋەزىيىتى يارىتىپ، بازاردا پەقەت باھا رىقابىتىگە تايىنىپلا قالماستىن، بەلكى سۈپەت ئارقىلىق غەلىبە قىلىشقا تايىنىپ، بازار رىقابىتىدە ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشى، رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئەنئەنىۋى تەرەققىيات شەكلىنىڭ «قاتمۇقات مۇھاسىرىسى»نى بۇزۇپ تاشلاپ، سۈپەت ۋە ئۈنۈمنى ئاشۇرىدىغان «يېڭى كۈچ»نى بارلىققا كەلتۈرۈپ، مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·بالىلارنى ‹‹ئوقۇش ئەسقاتمايدۇ›› دېگەن سەپسەتە بىلەن قايمۇقتۇرۇشقا يول قويمايلى
      ·شىنجاڭدا 2014-يىللىق تولۇق كۇرس 1-تۈركۈمگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئارخىبى چىقىرىش 17-ئىيۇلدا رەسمىي ب…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئۆلكە ئاتلاپ ئۆرلەپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش تەۋەلىكىنى باشقۇرۇش توغرىس…
      ·ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سوۋغات بۇيۇم ۋە سوۋغات پۇل قوبۇل قىلىشىغا ئالتە «قىزىل سىزىق» بەلگىلەندى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىكى: ئىمتىھانغا ئادەم سېلىش جىنايىتىگە چېتىلغانلارنى ئەدىلىيە ئورگانلىرىغا يوللاشق…
      ·مائارىپ نازارىتىنىڭ رەھبەرلىرى كۇچا ناھىيەسىنىڭ « قوش تىل» ئوقۇتۇش خىزمىتىنى تەكشۈردى(1)
      ·330 ئالىي مەكتەپ 3537 نەپەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ
      ·چەرچەن ناھىيەلىك مەدەنىيەت يۇرتى تەتىللىك ھەقسىز كۇرس ئاچتى(1)
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا نومۇر قوشۇش سىياسىتىنى تەرتىپكە سالىدۇ، ئارتۇقچىلىقى …
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا قالايمىقان نومۇر قوشۇشقا چېتىشلىق خادىملارغا «قىلچە …