خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، ئاۋات ناھىيە دولان دېھقان رەسساملىرى سىزغان ئۈچ پارچە دولان دېھقانلار رەسىملىرى جۇڭگو ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، جۇڭگو ئەلئىچى ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر جەمئىيىتى قاتارلىق ئورۇنلار ئۇيۇشتۇرغان «گۈزەل تاغ-دەريالار ـــ جۇڭگو ئارزۇسى» مەملىكەتلىك دېھقانلار رەسىم كۆرگەزمىسىگە تاللانغان بولۇپ، 25-ئىيۇلدىن 24-ئاۋغۇستقىچە خاڭجوۋ ھۈنەر-سەنئەت سارىيىدا كۆرگەزمە قىلىنىدىكەن.
مەنبە: خەلق تورى