خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 18-ئىيۇن، تۈركىيە ئەنقەرەدىكى 10-ئالىي دەرىجىلىك جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى سابىق زوڭتوڭ كېنان ئېۋرىن(ھازىر 96 ياش) بىلەن ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ سابىق باش قوماندانى تاھسىن شاھىن كايا (ھازىر 89 ياش)نى ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغىغانلىقى ئۈچۈن رەسمىي كېسىم چىقىرىپ، ئۆمۈرلۈك نەزەربەند قىلىنىش ۋە ھەربىي ئۇنۋانىدىن مەھرۇم قىلىشقا ھۆكۈم قىلدى. 1980-يىلى 12-سېنتەبىر ئېۋرىن قاتارلىقلار ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، مەمۇرىي ئەمەلدارلار ھۆكۈمىتىنى تارقىتىۋېتىپ، دۆلەت باشلىقى قوشۇمچە دۆلەت كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولۇۋالغان. 1982-يىلى ھەربىي ھۆكۈمەت ئاساسىي قانۇننى ئۆزگەرتىپ، ئېۋرىن رەسمىي زوڭتوڭ قوشۇمچە قوراللىق قىسىمنىڭ باش قوماندانى بولغان. تۈركىيەنىڭ ھازىرقى ھۆكۈمىتى تەختكە چىققاندىن كېيىن ئاساسىي قانۇننى ئۆزگەرتىپ، ھەربىي ئۆزگىرىش تەشكىللىگۈچىلەرنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىش ھوقۇقىنى بىكار قىلدى، كەينىدىنلا تەپتىش تەرەپ 1980-يىلدىكى سىياسىي ئۆزگىرىشنى تەكشۈرۈشنى باشلىدى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر
مەنبە: خەلق تورى