باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ھەربىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى قارايۇلغۇن يېزىسىدىكى مەكتەپلەرگە پۇل ئىئانە قىلدى(4)

2014.06.19 23:27   مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ھەربىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى قارايۇلغۇن يېزىسىدىكى مەكتەپلەرگە پۇل ئىئانە قىلدى(4)


  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەخمەتجان ھوشۇر خەۋىرى، فوتوسى : 6-ئاينىڭ 16-كۈنى كورلا شەھىرىنىڭ قارايۇلغۇن يېزىلىق مەركىزىي مەكتىپىگە 10 نەچچە ئالاھىدە مېھمان كەلدى، ئۇلار جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ئۈرۈمچى مىللىي كادىرلار ئىنىستىتۇتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى بولۇپ، ئۆزلىرى ياردەم قىلىپ كېلىۋاتقان ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار 10 ئوقۇغۇچىغا يەنە 10 مىڭ يۈەن نەق پۇل ۋە ئوقۇش بۇيۇملىرى بىلەن كىتاپ ئېلىپ كەلدى.

  شۇ كۈنىدىكى ئىئانە قىلىش مۇراسىمىدا ئۈرۈمچى مىللىي كادىرلار ئىنىستىتۇتىنىڭ سىياسىي كومىسارى يۈەن خەنجۈن مۇنداق دېدى: 2013-يىلىدىن باشلاپ بۇ مەكتەپ قارايۇلغۇن يېزىسى بىلەن ئورتاق بەرپا قىلىش كېلىشىنامىسى ئىمزالىغاندىن بۇيان مەكتەپتىكى بارلىق كادىر ۋە ئوقۇغۇچىلار قارايۇلغۇن يېزىسىدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ زور كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى. بۇنىڭدىن كېيىن بۇ مەكتەپ يېزىدىكى قىيىنچىلىقى بار نامرات ئوقۇغۇچىلارغا ۋە ئائىلىلەرگە ياردەم بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، يەرلىك ھۆكۈمەت ۋە ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشكە تىرىشىدۇ.

  ياردەمگە ئېرىشكەن ئوقۇغۇچىلار ۋەكىلى پاتىمە ھەسەن بارلىق ئوقۇغۇچىلارغا ۋاكالىتەن ئازادلىق ئارمىيە تاغىلىرىغا رەھمىتىنى بىلدۈردى.

  ئۈرۈمچى مىللىي كادىرلار ئىنىستىتوتى ئاساسلىقى قىسىملارغا مەلۇم ئالاھىدىلىككە ئىگە ھەربىي ئىشلار ئىقتىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈپ بېرىدىغان بولۇپ، ۋاڭ جېن گېنېرال بۇ مەكتەپنىڭ مۇدىرى بولغان. 65 يىلدىن بۇيان بۇ مەكتەپ 80 مىڭغا يېقىن ھەر مىللەت ھەربىي ئىشلار كادىرلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقتى.

  مۇھەررىر: مۇسا ھەيدەر

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى خېنەن ئۆلكىسىدىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانىدا ئورنىغا ئادەم سالغۇچىنىڭ نەتىجىسىنى…
      ·ئوتتۇرا ئاسىيا تەبىئىي گاز تورۇبا يولىنىڭ C لىنىيەسىدە گاز توشۇش باشلاندى
      ·بېيجىڭ : ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان قەغىزى تەكشۈرۈلىۋاتىدۇ(1)
      ·ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان سۇئالى تەكشۈرۈلىۋاتىدۇ
      ·دۆلەتلىك ئەدلىيە ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش ۋاقتى بېكىتىلدى
      ·شاڭخەيدە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلماقتا(1)
      ·قازاقىستان پارلامېنتى رۇسىيىنىڭ قازاقىستان چېگراسى ئارقىلىق جۇڭگوغا نېفىت ئېكسپورت قىلىش كېلىشىمىنى…
      ·ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئالىي مەكتەپكە كۆچۈش ئىمتىھانىنىڭ ئارزۇ تولدۇرۇشقا ئائىت كىتابلىرىنىڭ بازىرى ئىتتى…
      ·10 – ئىيۇن شىنجاڭدىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان مەكتەپلەرنىڭ كەسىپ پىلانى ئۇچۇرى ئېلان قىلىنىدۇ
      ·جياڭشى يىچۇەندىكى ھەقىقەت ئۈچۈن پىداكارلىق  قىلغان ئىمتىھان بەرگۈچى ئوقۇغۇچى ئايرىم ئىمتىھان بېرىدۇ…