باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى شىنجاڭغا كېلىپ يېزا ئىگىلىكىدە سۇدىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى(1)

2014.06.19 09:49   مەنبە: شىنخۇا تورى ئۇيغۇرچە قانىلى

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى شىنجاڭغا كېلىپ يېزا ئىگىلىكىدە سۇدىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى(1)

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى ما پېيخۇا سۆز قىلماقتا

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ، جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى ما پېيخۇا باشچىلىقىدىكى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونىمىزغا كېلىپ، ‹‹يېزا ئىگىلىكىدە سۇدىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، قۇرغاق ۋە يېرىم قۇرغاق رايونلاردىكى يېزىلارنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش›› ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىدىكىلەر 17–ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئابىلمەجىن ۋە ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى.

  ئاپتونوم رايوننىڭ دوكلاتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ما پېيخۇا مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بولۇپمۇ مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىكىدە يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەش جەھەتتە نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلىدى ۋە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشتى. بولۇپمۇ شىنجاڭ ئوتتۇرىغا قويغان تەبىئەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ‹‹ئۈچ چوڭ قانۇنىيىتى›› شىنجاڭنىڭ سۇ تېجەشچان يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن بولۇپ، پۈتكۈل يېزا ئىگىلىكى تەرەققىياتىدا پائال تۈرتكىلىك رول ئوينىدى.

  ما پېيخۇا ئاپتونوم رايوننىڭ باشقۇرۇش مېخانىزمىدا يەنىمۇ يېڭىلىق يارىتىپ، سۇ تېجەش تېخنىكىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىدە بازارلاشتۇرۇپ سۇ تېجەش سالمىقىنى تەدرىجىي زورايتىپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەش تۈر خىزمىتىنى كونكرېتلاشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلدى. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىمۇ ئاپتونوم رايوننىڭ تەكلىپ، پىكىرلىرىنى تولۇق قوبۇل قىلىپ، مۇكەممەل تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئاساسىدا، مەركەز ۋە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار مىنىستىرلىق ۋە كومىتېتلىرىغا تەكلىپ بېرىپ، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىكىدە سۇدىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولىدۇ.

【1】 【2】 【3】 【4】 
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى خېنەن ئۆلكىسىدىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانىدا ئورنىغا ئادەم سالغۇچىنىڭ نەتىجىسىنى…
      ·ئوتتۇرا ئاسىيا تەبىئىي گاز تورۇبا يولىنىڭ C لىنىيەسىدە گاز توشۇش باشلاندى
      ·بېيجىڭ : ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان قەغىزى تەكشۈرۈلىۋاتىدۇ(1)
      ·ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان سۇئالى تەكشۈرۈلىۋاتىدۇ
      ·دۆلەتلىك ئەدلىيە ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش ۋاقتى بېكىتىلدى
      ·شاڭخەيدە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلماقتا(1)
      ·قازاقىستان پارلامېنتى رۇسىيىنىڭ قازاقىستان چېگراسى ئارقىلىق جۇڭگوغا نېفىت ئېكسپورت قىلىش كېلىشىمىنى…
      ·ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئالىي مەكتەپكە كۆچۈش ئىمتىھانىنىڭ ئارزۇ تولدۇرۇشقا ئائىت كىتابلىرىنىڭ بازىرى ئىتتى…
      ·10 – ئىيۇن شىنجاڭدىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان مەكتەپلەرنىڭ كەسىپ پىلانى ئۇچۇرى ئېلان قىلىنىدۇ
      ·جياڭشى يىچۇەندىكى ھەقىقەت ئۈچۈن پىداكارلىق  قىلغان ئىمتىھان بەرگۈچى ئوقۇغۇچى ئايرىم ئىمتىھان بېرىدۇ…