6-ئىيۇن، گەنسۇ ئۆلكىسى تيەنشۈي شەھىرى مەيجى رايونىنىڭ ۋېينەن كەنتى پويىز ئىستانسىسىدا، 200 دىن ئارتۇق تولۇق ئوتتۇرا 3-يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىسى ۋە ئوقۇغۇچىلارغا ھەمراھ بولغان ئاتا-ئانىلار 7504 قېتىملىق ئاستا پويىزغا ئولتۇرۇپ، 40 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى تيەنشۈي شەھەر مەركىزىدىكى ئىمتىھان نۇقتىسىغا يول ئالدى. ئىگىلىنىشىچە، تيەنشۈي شەھىرىنىڭ ئەتراپىدىكى يېزا-بازارلاردا ئىمتىھان نۇقتىسى تەسىس قىلىنمىغانلىقتىن، ئوقۇغۇچىلار پويىزغا ئولتۇرۇپ تيەنشۈي شەھەر رايونىغا بېرىپ ئىمتىھانغا قاتنىشىدىكەن.