خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 3-چېسلا خەلق چوڭ سارىيىدا 2014-يىللىق خەلقئارا قۇرۇلۇش پەن-تېخنىكىسى يىغىنىغا قاتناشتى ۋە «قۇرۇلۇش پەن-تېخنىكىسى ئارقىلىق ئىنسانلارغا بەخت يارىتىپ، كەلگۈسىنى يارىتايلى» تېمىسىدا نۇتۇق سۆزلەپ، مۇنۇلانى تەكىتلىدى: قۇرۇلۇش پەن-تېخنىكىسى ‐‐ دۇنيانى ئۆزگەرتىشتىكى مۇھىم كۈچ، پەن-تېخنىكىنى راۋاجلاندۇرۇش ‐‐ ئىنسانىيەتنىڭ دۇنياۋى خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان ئىستراتېگىيەلىك يولى. جۇڭگو يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى دۆلەتنىڭ زور ئىستراتېگىيەسى قىلىدۇ. جۇڭگو ۋە چەت ئەلدىكى قۇرۇلۇش پەن-تېخنىكىسى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ زور يېڭى تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى