خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى، فوتوسى : 21- ماي كۇچا ناھىيەسىنىڭ بېھىشباغ يېزىسىدا «ھازىرقى زامان مەدەنىيىتىنى يېتەكچى قىلىپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ مەنىۋىي تۇرمۇشىنى بېيىتىش، دىني ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش» ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان 9- قېتىملىق دېھقان-چارۋىچىلار تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى.
مۇسابىقىگە يېزىغا قاراشلىق ئىدارە- ئورۇن، كەنتلەردىن 20 كوماندا، 400 دىن ئارتۇق ماھىر قاتنىشىپ، پائالىيەت ئاخىرىدا 10 كوللېكتىپ، 320 نەپەر ماھىر مۇكاپاتلاندى.
سۈرەتتە: 21- ماي بېھىشباغ يېزىسىدا ئېلىپ بېرىلغان دېھقان – چارۋىچىلار تەنھەرىكەت مۇسابىقە پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈشلەر.
مۇخبىر: (كۇچا ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسىدا)
مۇھەررىر: مۇسا ھەيدەر
مەنبە: خەلق تورى