باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ئۇيغۇرلاردىن چىققان تۇنجى چاڭ كەسپى ئاسپىرانتى ئابدۇۋەلى ئابلەتنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇزىكا كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى(1)

2014.05.27 21:26   مەنبە: خەلق تورى

ئۇيغۇرلاردىن چىققان تۇنجى چاڭ كەسپى ئاسپىرانتى ئابدۇۋەلى ئابلەتنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇزىكا كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى(1)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2014-يىل 5-ئاينىڭ 22-كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ ۋاقتى سائەت تۆتتە، مەركىزىي مۇزىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ 201-مۇزىكا زالىدا مەزكۇر مەكتەپنىڭ2011-يىللىق چاڭ كەسپى ماگېستىر ئاسپىرانت ئوقۇغۇچىسى ئابدۇۋەلى ئابلەتنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇزىكا كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى، كېچىلىككە پايتەختتىكى ھەرقايسى ساھەدە ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە ھەرقايسى ئالىي بىلىم يۇرتىدا ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئىشتىراك قىلدى. كېچىلىك ئۇيغۇر كلاسسىك ئون ئىككى مۇقاملىرىدىن پەنجىگاھ مۇقامى بىلەن باشلاندى، ئاندىن «قەدىمىي يول»، «جاۋجۈن نىداسى»، «توزۇغان گۈل-كېچە»، «لخاسا سەپىرى»، «سېرىق توپىغا مۇھەببەت»، «سەپەر» قاتارلىق خەنزۇلارنىڭ كىلاسسىك مۇزىكىلىرى ۋە چاڭ ئۈچۈن يېزىلغان نادىر ئەسەرلەر يۇقىرى ماھارەت بىلەن ئورۇنلاندى، كېچىلىك قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە ئېلىپ بېرىلدى.

  مەزكۇر كېچىلىكنىڭ ساھىبخانى ئابدۇۋەلى ئابلەت ھازىر شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى مۇزىكا فاكۇلتېتىنىڭ چاڭ كەسپى لېكتورى، شىنجاڭ مۇزىكانتلار جەمئىيتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك چاڭ ئىلمىي جەمئىيتىنىڭ ئەزاسى، ئۇيغۇرلاردىن چىققان تۇنجى چاڭ كەسپى ئاسپىرانتى، مەركىزىي مۇزىكا ئىنىستىتۇتى تارىخىدىكى ئىككىنچى ئۇيغۇر ئاسپىرانت.

  ئابدۇۋەلى ئابلەت، 1982 -يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاقسۇ شەھىرىدە سەنئەتكار ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، ئۇنىڭ دادىسى ئابلەت ئەپەندىمۇ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك تارىم ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ ماھىر چاڭ ئىجراچىسى بولۇپ، ھازىر پىنسىيەدە. ئابدۇۋەلى 1997-يىلى 15 يېشىدا دادىسى ئابلەت ئەپەندىنىڭ يېتەكلىشى بىلەن چاڭ كەسپىنى ئۆگىنىشكە باشلىغان ھەمدە شۇ يىلى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت- سەنئەت مەكتىپىگە ئوقۇشقا كىرگەن، بۇ جەرياندىكى ئۈچ يىللىق ئوتتۇرا تېخنىكوم ئوقۇش دەۋرىدە ئابدۇۋەلى چاڭ كەسپى ۋە باشقا دەرسلىكلەرنى تىرىشىپ ئۆگەنگەن، ھەر يىلى مەكتەپنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ ئوقۇپ ئەلا نەتىجە بىلەن ئوقۇش تاماملىغان. ئوتتۇرا تېخنىكومنى پۈتتۈرگەن ئابدۇۋەلى ئۆزىنىڭ چاڭ كەسپىگە بولغان قىزغىنلىقى، تېخىمۇ مۇكەممەل بولغان بىلىم ئېلىش ئىستىكىدە ئاتا-ئانىسىنىڭ قوللىشى، مەدەت بېرىشى بىلەن 2000-يىلى 9-ئايدا شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتىنىڭ تولۇق كۇرس چاڭ ئورۇنداش كەسپىگە ئىمتىھان بېرىپ كىرىدۇ، بۇ جەرياندا ئۇ كەسىپ ئوقۇتقۇچىسى شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتىنىڭ چاڭ كەسپى پروفېسسورى، ئاتاقلىق ئىجراچى، مائارىپچى، تەتقىقاتچى گۈلجەمىلە قادىر مۇئەللىمنىڭ سىستېمىلىق تەربىيەلىشىدە كەسىپ جەھەتتىن تېخىمۇ پىشىپ يېتىلىدۇ، بۇ جەرياندا ئىنىستىتۇت رەھبەرلىكى ئۇنى مەكتەپكە ئوقۇتقۇچىلىققا ئېلىپ قېلىش پىلانى بىلەن بىر مەۋسۈملۈك بېيجىڭدا ئوقۇشقا ئەۋەتىشنى قارار قىلىدۇ، ئابدۇۋەلىمۇ ئۆزىنىڭ تېخنىكا سەۋىيەسىنى تېخمۇ يۇقىرى كۆتىرىش ھەم چاڭ كەسپىدىكى يېڭىلىقلارنى ئۆگىنىش ئۈچۈن، 2003-يىلى 9-ئايدا بېيجىڭغا كېلىپ مەركىزىي مىللەتلەر مۇزىكا ئۆمىكىنىڭ ئاتاقلىق چاڭ ئىجراچىسى شۈشۆدۇڭ مۇئەللىمدىن كەسپىي دەرس ئالىدۇ، بۇجەرياندا ئابدۇۋەلى تۇرمۇش ۋە ئۆگىنىش جەھەتتىن نۇرغۇن قىيىنچىلىق ۋە بېسىملارغا ئۇچرايدۇ، ئەمما كەسىپكە بولغان ئشتىياق بۇ قىيىنچىلىقلار ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، جاپالىق مەشىق قىلىش بىلەن ئابدۇۋەلى تېز سۈرئەتتە كەسىپتە ئالغا باسىدۇ، قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە ئۇ ئىلگىرى-كېيىن قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولغان يەتتە ئەسەرنى مۇكەممەل پۇختا ئىگەللەپ كەسپ ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىدۇ، 2004يىلى 3-ئايدا ئۇ بېيجىڭدىكى ئوقۇشنى تاماملاپ شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتىغا قايتىپ كېلىپ ئوقۇش پۈتتۈرۈشكە تەييارلىق قىلىدۇ، شۇيىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇزىكا زالىدا تولۇق كۇرس يالغۇز كىشىلىك ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇزىكا كېچىلىكى ئۆتكۈزىدۇ، بۇ كېچىلىككە مەكتەپ رەھبەرلىكى ۋە شىنجاڭ مۇزىكا ساھەسىدىكى نوپۇزلۇق ئەربابلار قاتنىشىپ، ئابدۇۋەلىگە قارىتا باھالاش ئېلىپ بارىدۇ، نەتىجىدە ئابدۇۋەلى باھالىغۇچىلارنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشىدۇ ھەمدە ئوقۇش پۈتتۈرگەندە «مۇنەۋۋەر ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچى» بولۇپ سايلىنىدۇ ھەمدە شەرەپلىك ھالدا ئانا مەكتىپىگە ئوقۇتقۇچىلىققا ئېلىپ قېلىنىدۇ. ئابدۇۋەلى ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىگە قەدەم قويغاندىن باشلاپ ئوقۇغۇچىلىرىغا قاتتىق تەلەپ قويۇپ ئەستايىدىل دەرس ئۆتىدۇ، كەسپىي جەھەتتە كۆپ قېتىم ئاپتونوم رايونىمىز ئىچى-سىرتىدىكى چوڭ-كىچىك سەنئەت كېچىلىكلىرى، ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى، ۋە كەسپىي مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىىپ ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشىدۇ، ھەمدە تۆت پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلىدۇ، خىزمەتتە ئاكتىپ بولۇپ ئىشلەپ، كۆپ قېتىم مەكتەپ ۋە فاكۇلتېت تەرىپىدىن تەقدىرلىنىدۇ. 2010-يىلى ئۆز كەسپىدە يەنە داۋاملىق ئۆگىنىشنى ئىستەك قىلغان ئابدۇۋەلى مەملىكەتلىك بىرتۇتاش ئېلىنىدىغان ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىغا جاپالىق تەييارلىق قىلىش ئارقىلىق 2011-يىلى مەملىكىتىمىزدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق بولغان مۇزىكا ئىلمى يۇرتىنىڭ سەردارى مەركىزي مۇزىكا ئىنىستىۇ تىنىڭ چاڭ ئورۇنداش ماگېستىر ئاسپىرانتلىق كەسپىگە قوبۇل قىلىنىدۇ ھەمدە مەزكۇز مەكتەپنىڭ چاڭ كەسپىى پروفېسسورى، ئاتاقلىق ئىجراچى، مائارىپچى، كومپوزېتور خۇاڭخې مۇئەللىمدىن تېخىمۇ مۇكەممەل ، قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولغان تېخنىكىلىق ماھارەتلىك ئەسەرلەرنى ئۆگىنىشكە باشلايدۇ، دەسلەپتە ئۆزى بىلەن بىر سىنىپتىكى ساۋاقداشلىرىنىڭ شۇنچە قىيىن ئەسەرلەرنى قىينالمايلا ئىجرا قىلىشى ئابدۇۋەلىگە بېسىم ئېلىپ كېلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن باشقىلار كۈندە 2-3 سائەت مەشىق قىلسا، ئابدۇۋەلى 6-8سائەت ئەتراپىدا مەشىق قىلىدۇ، جاپانىڭ تېگى ئالتۇن دېگەندەك مەشىقنىڭ ئۈنۈمىنى كۆرگەن ئابدۇۋەلى ئۆتكەن يىلى 5-ئاينىڭ 29-كۈنى غەلبىلىك ھالدا مەزكۇر ئىنىستىتۇتتا تۇنجى قېتىملىق يالغۇز كىشىلىك مۇزىكا كېچىلىكى ئۆتكۈزىدۇ، بۇ كېچىلىكتىكى ئەسەرلەرنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولۇپ، يۇقىرى ماھارەت تەلەپ قىلاتتى، جاپالىق مەشىقنىڭ ئۈنۈمىنى كۆرگەن ئابدۇۋەلى كېچىلىكتە ئەسەرلەرنى ياخشى ئورۇنداپ يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى ۋە باھالىغۇچىلارنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشىدۇ، ئۇ بۇنىڭلىق بىلەن توختىماستىن تىخىمۇ تېرىشىپ چاڭ چالغۇسىنىڭ ھەرخىل تېخنىكا ماھارەتلىرى، ھازىرقى زامان ئورۇنلاش ئۇسلۇبىدىكى يېڭى ئەسەرلەرنى ئۆگىنىپ، ساۋاقداشلىرى بىلەن ئوخشاش سەۋىيەگە يېتىپ ۋە ھالقىپ ئاخىرىدا مانا بۈگۈنكى بۇ ئوقۇش پۈتتۈرۈش كېچىلىكىنى كۆپچىلىككە سۇندى.

  ئابدۇۋەلى ئۆزىنىڭ بۇ جەرياندىكى كەچۈرمىشلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: مەن بۇ مەكتەپكە كەلگەندە گەرچە كەسپىي سەۋىيەم شىنجاڭغا نىسبەتەن يۇقىرى بولسىمۇ ئەمما بۇيەردە ئۆزۈمنىڭ ناھايىتى ئاجىز ئىكەنلىكىمنى ھېس قىلدىم، لېكىن يىتەكچى ئوقۇتقۇچىمنىڭ سىستېمىلىق تەربىيەلىشى، قاتتىق تەلەپ قويىشى، ۋە ئۆزۈمنىڭ جاپالىق مەشىق قىلىشىم ئارقىلىق ھازىر كەسپىي جەھەتتىكى سەۋىيەم ساۋاقداشلىرىم بىلەن ئوخشاش بىر دەرىجىگە يەتتى، ھەتتا ئالدىنقى قاتارغا ئۆتتۈم، تىرىشسا ھامان نەتىجىسى كۆرۈلىدىكەن ، بۈگۈنكى بۇ كېچىلىكتە ئىجىرا قىلغان ئەسەرلەرمۇ چاڭ كەسپى ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تاماملاش پروگراممىسىدىكى چوقۇم چېلىندىغان قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى ئەسەرلەر، بۇ كېچىلىككە نىسبەتەن مەن ئۆزۈمنى تولۇق نامايان قىلدىم دېيەلمەيمەن، لېكىن كېچىلىك ناھايىتى مۇۋەپەقىيەتلىك بولدى دەپ قارايمەن، قالغان باھالىغۇچىلار يىتەكچى مۇئەللىمىم ، باھالىغۇچى مۇئەللىملەر ۋە كېچىلىككە ئىشتىراك قىلغان تاماشىبىنلار.

  شۇ تاپتا مەن پات ئارىدا ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرۇپتىمەن، ۋاقىت ئاز قالغانسىرى ئۆز زىممەمدىكى يۈكنىڭ ناھايىتى كۆپ،ئېغىرلىقىنى ھېس قىلماقتىمەن، بۇجەھەتتە مەن مونۇ بىرقانچە تەرەپلەردىن ھېس قىلغانلىرىمنى بايان قىلسام:

  (1) مەن شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتىغا قايتىپ بارغاندىن كېيىن ئالدى بىلەن چاڭ كەسپىدىكى ئوقۇ –ئوقۇتۇش جەھەتتە بۇيەردە ئۆگەنگەن يېڭىلىقلارنى ئوقۇتۇش پىروگراممىسىغا كىرگۈزۈپ يېڭىچە ئوقۇتۇش ئۇسلۇبىنى قوللىنىپ،بۇ جەھەتتە شىنجاڭنىڭ چاڭ كەسپى مائارىپىنى مەملىكەتنىڭ ئوخشاش سەۋىيەسى بىلەن تەڭ ھالەتكە يەتكۈزۈش ،تەڭ قەدەمدە مېڭىش ئۈمىدىم،نىشانىم ھەمدە ئىرادەم بار.

  ھازىر شىنجاڭدا مەخسۇس چاڭ ئۈچۈن يېزىلغان ئەسەرلەر ئاز، ئومۇمەن يوق دىيەرلىك.

  (2) ئورۇنلاش ئۇسلۇبى ۋە ماھارەتلىك تېخنىكىلار ئىنتايىن ئاددىي، مېنىڭچە قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولغان ئەسەر چالغۇنىڭ ئىجرا قىلىش تېخنىكىلىق ماھارىتىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشىدە بىۋاستە تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ ۋە تەسىر كۆرسىتىدۇ.شۇڭا قايتىپ بارغاندىن كېيىن ئۆگەنگەنلىرىمنىڭ يىتىشىچە چاڭ ئۈچۈن ئەسەر يېزىپ بۇجەھەتتىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇش ئۈمىدىم، نىشانىم ھەمدە ئىرادەم بار.

  (3) مەن قايتىپ بارغاندىن كېيىن مەكتەپ رەھبەرلىكىنىڭ قوللىشىدا چاڭ چالغۇسىغا نىسبەتەن ئسلاھ ئېلىپ بارغۇم بار ،بۇ بىر مۈشكۈل ئىش،ئەمما ھازىرقى مۇزىكا ساھەسىنىڭ تەرەققىياتى مۇشۇنى تەلەپ قىلماقتا،چالغۇنىڭ ئاۋاز تۈسىنى تېخىمۇ ياخشىلاش،ئاۋاز دائىرىسىنى كېڭەيتىش شۇ ئاساستا چالغۇنىڭ ھەجىمىنى كىچىكلىتىش بۇ مېنىڭ بىر ئۇزۇن مەزگىللىك پىلانىم.

  يۇقىردا مەن ئۈچ جەھەتتىن بۇنىڭدىن كىيىنكى پىلانلىرىمنى بايان قىلدىم،بۇنىڭدىن باشقا ئازۇ، ئۈم،نىشانلىرىم ناھايىتى كۆپ، قايتىپ بارغاندىن كېيىن بارلىق زېھنىمنى، بىلىملىرىمنى، ئۇيغۇر مۇزىكا ساھەسى ئۈچۈن بېغىشلاشقا تەييارمەن،ئاخىرىدا مۇشۇ پۇرسەتتە مېنى بۇ ئۈچ يىل تەربىيەلىگەن يېتەكچى مۇئەللىمىم خۇاڭخى پدوخېسشورغا چىن يۈرىكىمدىن رەھمەت ئېيتىمەنھەم ئىلگىرىكى ئۇستازلىرىمدىن دادامغا،گۈلجەمىلە مۇئەللىمگە،شۈشۆدۇڭ مۇئەللىمگە رەھمەت ئېيتىمەن،يەنە مېنىڭ ئوقۇشۇمنى قوللىغان ئاتا-ئانامغا، قېينىئاتام-ئانامغا، ئايالىمغا چىن يۈرىكىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن، يەنە ماڭا يېقىندىن ياردەم قىلغان بۇ يەردىكى ھەم ساۋاق ئىنى-سىڭىللىرىمغا،دوسلىرىمغا،ھەمدە بۈگۈنكى كېچىلىككە قەدەم تەشرىپ قىلغان بارلىق ئەزىز مېھمانلارغا تەشەككۈر بىلدۈرىمەن. ئاخىرىدا خەلق تورىنىڭ زىيارىتىگە رەھمەت ئېيتىمەن.

  مۇھەررىر: مۇسا ھەيدەر

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 【7】 【8】 【9】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·«تولۇق 3-يىللىقتا پەقەت ئەدەبىيات، ماتېماتىكا، خەنزۇ تىلىنىلا ئۆگىنىشكە بولمايدۇ»
      ·دۆلەت ھۆكۈمەتنىڭ ئەۋەتىشى بىلەن چەت ئەلدە ئوقۇشقا بۇ يىل 23 مىڭ كىشى قوبۇل قىلدى
      ·جۇڭگو-قازاقىستان مەركىزىي بانكىلىرى ئۆز پۇللىرىنى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالىدى
      ·مەرھابا ئاسپىرانت قىزلار، تىرىشچانلىقىڭلارغا ئاپىرىن
      ·تۈركىيە ۋە ئىتالىيە زۇڭلىسى بىرلەشمە مۇخبىرلار يىغىنى ئۆتكۈزدى(1)
      ·تۈركىيەدە بىر ئايال ساقچىلار ئالدىدا ئۇسسۇل ئويناپ ئېتىراز بىلدۈردى(1)
      ·3-نۆۋەتلىك ئۆزتۈرك مۇكاپاتى12-دىكابىر تارقىتىلىدۇ
      ·ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھاتى لايىھەسىدىكى مۇستەقىل ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش سىياسىتى ئېلان قىلىنىش …
      ·خۇاۋېي  شىركىتى ئۆزبېكىستاندىكى ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش مۇكاپات پۇلى تارقاتتى(1)
      ·شىنجاڭدا پۇتبول تۈر مەكتەپلىرى ھەر يىلدا بىردىن ئۈچ تۈمەن يۈەنگىچە مەشىق راسخوتى ياردىمىگە ئېرىشىدۇ