پوروشېنكو (سولدا) ۋە ئايالى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ يەر ۋاقتى 25-چېسلا، ئەل رايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئارقىلىق پوروشېنكو بىرىنچى نۆۋەتلىك بىلەت تاشلاشتا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، ئۇكرائىنانىنڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغانلىقىنى جاكارلىدى.
پوروشېنكو ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: بارلىق ئەل رايىنى سىناش نەتىجىسىدىن مەلۇمكى، چوڭ سايلام بىرىنچى نۆۋەتلىك بىلەت تاشلاش بىلەن تەڭ ئاخىرلاشتى، دۆلىتىمىزنىڭ يېڭى زۇڭتۇڭى بار بولدى.
پوروشېنكو %55تىن ئارتۇق بېلەتكە ئېرىشتى، سابىق زۇڭلى تېموشېنكو %12تىن سەللا ئارتۇق بېلەت سانى بىلەن ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغان.
ئەگەر بۇ نەتىجە 26-چېسلا مۇئەييەنلەشتۈرۈلسە، ئۇكرائىنانىڭ سايلام قانۇنىغا ئاساسەن، 15-ئىيۇن ئىككىنچى قېتىم بىلەت تاشلاشنىڭ ھاجىتى يوق.
بۇ قېتىمقى ئۇكرائىنا چوڭ سايلىمىدا 21 ئادەم مۇۋەپپەتقىيەتلىك ھالدا زۇڭتۇڭ نامزاتلىقىغا تىزىمغا ئالدۇرغان بولۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا پوروشېنكو ئۇتۇپ چىققان. جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى