5-ئاينىڭ 22-كۈنى، لى كېچياڭ دېرۈن يۇندى بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتىنىڭ قۇرۇلۇش مەيدانىنى تەكشۈرگەندە دېھقان ئىشلەمچىلەر بىلەن پاراڭلاشتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۈەنچى فوتوسى
5-ئاينىڭ 22-كۈنى، لى كېچياڭ گوديەن بىرلەشمە ئېنېرگىيە تېخنىكىسى (چىفېڭ) شىركىتىدە خىزمەت تەكشۈردى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى
ئىككى ئاي داۋامىدا، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ ئىچكى موڭغۇلنىڭ چىفېڭ رايونىغا ئىككى قېتىم بېرىپ خىزمەت تەكشۈرۈپ، كەپىلىك جايلار، يۇندى بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتى، كەسپىي مائارىپ ئىنىستىتۇتى قاتارلىقلارنى كۆزدىن كەچۈردى.
شۇ جايدىكى ئامما لى كېچياڭنىڭ ئىككى قېتىملىق تەكشۈرۈش داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلگەنلىكىدىن چوڭقۇر تەسىرلەندى. لى كېچياڭنىڭ ئەمەلىيەتچىل ۋە خەلقچىل ئىستىلى ۋە خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكى شۇ جايدىكى ئاممىغا چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى.
3-ئاينىڭ 27-كۈنى، لى كېچياڭ بىرىنچى قېتىم ئىچكى موڭغۇلنىڭ چىفېڭ شەھىرىدە خىزمەت تەكشۈرگەندە، كەپىلىكلەرنى ئۆزگەرتىش ئەھۋالىنى ئىگىلەشنى تەكشۈرۈشنىڭ مۇھىم بىر تۈرى قىلغانىدى.
5-ئاينىڭ 22-كۈنى، لى كېچياڭ ئالدىراشلىق ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ چىفېڭغا يەنە بىر قېتىم كېلىپ خىزمەت تەكشۈردى، خەلق تۇرمۇشى يەنىلا تەكشۈرۈشنىڭ مۇھىم بىر تۈرى قىلىندى.
جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى