خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركەزنىڭ پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنى تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش ھەققىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ قاتارلىق دائىمىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى يېقىندا ئۆزلىرىنىڭ 2-تۈركۈمدىكى تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتى ئالاقە نۇقتىلىرىغا بېرىپ، ناھىيەلىك پارتكوملارنىڭ دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىغا قاتناشتى ۋە يېتەكچىلىك قىلدى، ئىستىلنى چىڭ ۋە ئەمەلىي تۇتۇش، ئىستىل ئۆزگەرتىشنى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇش، تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش ۋە زورايتىشنى تەكىتلىدى.جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى