باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

«شىنجاڭ مائارىپى» ژۇرنىلىنىڭ مائارىپ تەتقىقاتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى يوپۇرغا ناھىيەسىدە ئېچىلدى(3)

2014.05.20 15:26   مەنبە: خەلق تورى

«شىنجاڭ مائارىپى» ژۇرنىلىنىڭ مائارىپ تەتقىقاتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى يوپۇرغا ناھىيەسىدە ئېچىلدى(3)

  ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئىمىنجان تۇرسۇن، ئېلى ئەخەت خەۋىرى، فوتوسى: شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى، «شىنجاڭ مائارىپى» ژۇرنىلى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىنىڭ قەشقەر ۋىلايىتى بويىچە ئۆتكۈزگەن مائارىپ تەتقىقاتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى 5-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن 19-كۈنىگىچە يوپۇرغا ناھىيەسىدە ئېچىلدى.

  شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى، «شىنجاڭ مائارىپى»ژۇرنىلى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمى بىرلىكتە، ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائارىپ تەتقىقاتى، مائارىپ نەزىرىيەسى تېمىسىدىكى يېزىقچىلىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش قىزغىنلىقىغا ئىلھام بىرىش، مائارىپ سېپىدىكى ئاپتورلار قۇشۇنىنىڭ كېڭىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئۇلارنىڭ يېزىقچىلىق سەۋىيەسىنى يوقۇرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، قەشقەر ۋىلايىتى بويىچە ئويۇشتۇرغان تۇنجى نۆۋەتلىك بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى، «شىنجاڭ مائارىپى»ژۇرنىلى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى، ژۇرنالنىڭ جايلاردىكى تەكلىپلىك تەھرىر ھەيئەتلىرى ۋە قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ھەر قايسى ناھىيە (شەھەر) لىك مائارىپ ئىدارىسى ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانا مۇدىرلىرى، مائارىپ خىزمىتىگە دائىر ئىلمىي ماقالە يېزىقچىلىقى بىلەن شۇغۇللىدىغان قەلەمكەش- ئاپتورلار ۋە يوپۇرغا ناھىيەسىدىكى ئوقۇتقۇچىلار ۋەكىللىرىدىن بولۇپ 100 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى. بۇ نۆۋەتلىك مائارىپ تەتقىقاتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا «شىنجاڭ مائارىپى»ژۇرنىلى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمى بۇ يىل 3-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 4-ئاينىڭ 20-كۈنىگە قەدەر قەشقەر ۋىلايىتى تەۋەسىدىن قوبۇل قىلغان 80 پاچىدىن ئارتۇق ماقالە ئىچىدىن تەپەككۇر شەكلى يېڭى، لوگىكىلىق قۇرۇلمىسى پۇختا، مەزمۇنى ساغلام، تىلى راۋان، ئىخچام يېزىلغان 30 پارچە ماقالىنى دەسلەپكى تەھرىرلەش، باھالاشتىن ئۆتكۈزۈپ قاتناشتۇرغان بولۇپ، ئاپتورلار ماقالىسىنى نەق مەيداندا ئوقۇپ، باھالاش ھەيئەتلىرى نەق مەيداندا باھالاپ بېكىتىش ئارقىلىق 8 پارچە ماقالە ئاپتورى 1- دەرىجە، 9 پارچە ماقالە ئاپتورى 2- دەرىجە، 13 پارچە ماقالە ئاپتورى 3- دەرىجە بويىچە 1000 يۈەندىن 300 يۈەنگىچە نەخ پۇل ۋە شەرەپ گۇۋانامىسى بىلەن مۇكاپاتلاندى. ئۇنىڭدىن باشقا شىنجاڭ مائارىپ گېزىت- ژۇرناللىرى تەشۋىقات خىزمىتىدىكى 10 ئىلغار ئورۇنغا شەرەپ تاختىسى تارقىتىپ بەردى.

 

【1】 【2】 【3】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·2014-يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاساسىي قاتلامدا ئىشقا ئورۇنلىشىش توغرىسىدىكى ئېت…
      ·گوۋۇيۈەن مەجبۇرىيەت مائارىپىنى تەكشى تەرەققىي قىلدۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى  مەخسۇس تەكشۈردى…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھات لايىھەسى تەتقىق قىلىنىش تۈزۈلۈش مۇكەممەللەشتۈ…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى «ئىنگلىز تىلى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن چىقىرىلىدۇ»غا قارىتا، ئىسلاھات لايىھەس…
      ·تاجىكىستان سەنئەت ئۆمىكى بېيجىڭدا ئويۇن قويدى(1)
      ·قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى ئالماسبېك ئاتامبايېف جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ
      ·جايلار ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا نومۇر قوشۇش سىياسىتىنى چىڭىتتى، ئولىمپىك ماتېماتىكىسى ئۆگىنىش قىزغى…
      ·2014-يىلى ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلىدىن تۆت مىليارد 630مىليون يۈەن ئاجر…
      ·جىلىندا ئۇنۋان تۈزۈمىنى كېڭەيتىش ئىسلاھاتى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىكى: سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى دەرسلىككە كىرگۈزۈش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ