خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: 15-ماي كەچتە تاجىكىستان سەنئەت ئۆمىكى بېيجىڭ مىللەتلەر تىياتىرخانىسىدا بىر مەيدان مول مەزمۇنلۇق سەنئەت كۆرىكى ئۆتكۈزدى.
بۇ قېتىملىق پائالىيەت جۇڭگو-تاجىكىستان دوستلۇق-ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، مەركىزىي مىللەتلەر ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكى بىلەن تاجىكىستان سەنئەت ئۆمىكى بىرلىكتە جۇڭگو-تاجىكىستان ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئېسىل مىللىي مەدەنىيىتى ۋە دوستلۇقىنى نامايان قىلدى.
بۇ قېتىملىق پائالىيەتكە داڭلىق ئۇيغۇر ياش گىتارچى، مۇزىكانت، ناخشىچى ئەركىن ئابدۇللا ۋە داڭلىق ئۇسسۇلچى ئۈمىت قاتارلىقلار تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.
مەنبە: خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى