جۇڭگودا ساياھەت مەنزىرىلىرى سۈپىتى ئادەتتە بەش دەرىجىگە بۆلىنىدىغان بولۇپ، يۇقىرىدىن تۆۋەنگە (1A، 2A، 3A، 4A، 5A) قاتارلىق دەرىجىلەرگە ئايرىلىدۇ، 4A دەرىجىلىك ساياھەت رايونى 5Aدەرىجىلىك ساياھەت رايونىدىن قالسىلا مەنزىرىسى گۈزەل ساياھەت رايونى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
قارامايدا A4 دەرىجىلىك ساياھەت ئورنىدىن ئىككىسى بار بولۇپ، ئۇلار قارىماي دەرياسى ۋە ئالۋاستى شەھىرىدىن ئىبارەت. ئالۋاستى شەھىرى شەيتانكەرش دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
1. قارىماي دەرياسى قارىماي شەھەر ئىچىدە بولۇپ، قاتناش ئىنتايىن قولايلىق، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 8 مىڭ 510 مېتىر، كەڭلىكى 15 مېتىر كېلىدۇ. قارىماي دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى يېشىللىق بەلبېغىنىڭ ئومۇمىي كۆلمى 158 مىڭ 100 كۋادرات مېتىر بولۇپ، چىملىقتىن باشقا يەنە 4 مىڭ 614 تۈپ دەرەخ بار. قارىماي دەرياسى قارىماينى گۈزللەشتۈرىدىغان مۇھىم بايلىق مەنبەلىرىنىڭ بىرى شۇنداقلا شەھەر رايونىدىكى ساياھەت مەنزىرە نۇقتىسى.