ش ئۇ ئا ر پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ئۇيۇشتۇرغان، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى تەشكىللىگەن «دەۋر مىلودىيەسى» شىنجاڭ شېئىرىيەت سەپىرى مۇشائىرە پائالىيىتى» 6-ماي شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتىتىدا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلەرنىڭ قاتنىشىشى، ئەدەبىيات تەتقىقاتچىلىرى، شائىرلار، ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەردىكى ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا باشلىنىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن، 7-ماي بۇ مۇشائىرە پائالىيىتى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن،
بۇ پائالىيەت ئاپتونوم رايون دائىرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم قانات يايدۇرۇۋاتقان ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش پائالىيىتىگە ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇشنى، ئىلغار مەدەنىيەتنى يىتەكچى قىلىپ شىنجاڭنىڭ ئەدەبىيات ـ سەنئەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا جارى قىلدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامدىكى خەلق ئاممىسىنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى تېخىمۇ بېيىتىشنى، شۇنداقلا بىر تۈركۈم شائىرلىرىمىزنى ئاۋامنىڭ ئىچىگە بېرىپ مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى ئاۋامنى تەڭ بەھرىمەن قىلىش مەقسىتىدە تەشكىللەنگەن.
بۇ پائالىيەت 11-ماي قەشقەردە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئۈرۈمچى ۋە قەشقەردىن بولۇپ، مىڭدىن ئارتۇق ئەدەبىيات ـ سەنئەت ئىجادىيەتچىلىرى، ئىجادىيەت ھەۋەسكارلىرى ۋە ھەر مىللەت ئاممىسى قاتناشقان. مۇشائىرە پائالىيىتى قەشقەر شەھىرىدە بىر مەيدان، مەكىتتە ئىككى مەيدان ئۆتكۈزۈلگەن. مۇشائىرە پائالىيىتى يەنە خوتەندە ئۈچ مەيدان، ئاقسۇدا ئۈچ مەيدان ئۆتكۈزۈلىدىكەن.