خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۈگۈن چۈشتىن كېيىن، خەلق چوڭ سارىيىنىڭ شەرقىي قوۋۇقى ئالدىدىكى مەيداندا ئۆتكۈزۈلگەن تۈركمەنىستان زۇڭتۇڭى قۇربانقۇلى بەردىمۇھەممەدوفنى كۈتۈۋېلىش مۇراسىمىدا قۇرۇقلۇق، ھاۋا، دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ 13 نەپەر ئايال ھۆرمەت قاراۋۇلى (1-سۈرەت، ۋەن شياۋجۈن فوتوسى) نامايان بولدى. ئۇلار 07 پوسۇندىكى كۈتۈم فورمىسى كىيىپ، كۈتۈم قورالى كۆتۈرگەن ھالدا پاراتتىن ئۆتتى. (2-سۈرەت، شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى پاڭ شىنلېي فوتوسى). بۇ دۆلىتىمىز تارىخىدىكى تۇنجى تۈركۈمدىكى ئايال ھۆرمەت قاراۋۇللىرى ھېسابلىنىدۇ.
جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى